قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پورتلار توپى ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى پەللىگە ئايلاندى

2018-06-07 19:31:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تاشقى سودا، ئەشيا ئوبوروتى باشلامچى كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈشتىكى «يېشىل يول» ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىرىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، باقتۇ پورتىدىن ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 47 مىڭ توننىغا، قىممىتى 29 مىليون 509 مىڭ دوللارغا يەتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋېن بو فوتوسى)

 ئېچىۋېتىش يېڭى شامىلى كۆتۈرۈلدى ①

  ئىلاۋە

  40 يىل ئىلگىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىدى، جۇڭگو دەرۋازىسىنى دۇنياغا ئېچىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى شىنجاڭمۇ ئېچىۋېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئېچىۋېتىش قەدىمىنى ئەزەلدىن توختاتمىدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىگە ئېچىۋېتىش بىلەن غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىزنىڭ «ھەيۋەتلىك شەرق دولقۇنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» سەرلەۋھىلىك ئىستونىدا «ئېچىۋېتىش يېڭى شامىلى كۆتۈرۈلدى» تېمىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر بېرىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىشنىڭ قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىكى يېڭى نەتىجىلىرىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىمىز.

  40 يىل ئىلگىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى دېڭىز بويى رايونىدىن شىنجاڭغا كەلدى، شىنجاڭنىڭ 5700 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسىدە ئارقا- ئارقىدىن دەرۋازىلار ئېچىلىپ، دۇنيا بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى. ھازىرغىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا 18 پورت ئېچىۋېتىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئېچىۋېتىلگەن پورت سانى بىر قەدەر كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پورتلار ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتتىق، يۇمشاق ماتېرىيال سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى پەللىسىگە ئايلىنىپ، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنەككە ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

    پورتلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

  قورغاس خەلقئارا سودا مەركىزىدە يەككە سودا- سانائەتچى لى خۇڭخې خېرىدارلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن لى خۇڭخې 30 يىل ئىلگىرى يۇرتىدىن قورغاسقا كېلىپ تىجارەت قىلىشقا باشلىغان، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردا قورغاس پورتىدا تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولدى. ئىلگىرى يايما يېيىپلا تىجارەت قىلاتتۇق، ھازىر قورغاستا نۇرغۇن زامانىۋى سودا بازىرى بارلىققا كەلدى.

  قورغاس پورتىدا يېڭىدىن ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش زالى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. قورغاس جەنۇبىي قىسىم بىرلەشمە تەكشۈرۈش رايونى ۋە يول قۇرۇلۇشى تۈرىدە 2012- يىلى ئىش باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن يىلىغا 3 مىليون توننا يۈك، 5 مىليون يولۇچى (قېتىم)نى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  تەڭرىتاغنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، تورغات پورتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدا پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى.

  تورغات پورتى جۇڭگونىڭ قىرغىزىستانغا تۇتىشىدىغان مۇھىم سودا پورتى، پورتنىڭ ئەسلىي ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 3795 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چېگرا تاغ ئېغىزىغا جايلاشقان، كۆلىمى كىچىك، شارائىتى جاپالىق بولغاچقا، چېگرا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغانىدى. 1995- يىلى پورت ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلدى. 2017- يىلى تورغات پورتىنىڭ يېڭى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، زالنىڭ كۆلىمى 6500 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پورت باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىنخېڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى پورتلار يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، كىچىكلىكتىن زورايدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇردى، بىر تۈركۈم زامانىۋى پورتلار شۇ جاينىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «تېزلەتكۈچ»كە ئايلاندى.

    پورتلارنىڭ فۇنكسىيەسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى

  1000 تۇياق ئېشەك بېسىلغان 18 يۈك ئاپتوموبىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەركەشتام پورتىدىن كىرىپ تاموژنىدىن ئۆتتى، بۇ پورت ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تىرىك چارۋامال ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بىردىنبىر پورت ھېسابلىنىدۇ.

  2016- يىلى 8- ئايدا، ئەركەشتام پورتى تۇنجى قېتىم ئېشەك ئىمپورت قىلىشنى يولغا قويدى. قەشقەر يوپۇغا ناھىيەسى «خۇڭۋېي» يېمەكلىك ئىمپورت- ئېكسپورت سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: ئەركەشتام پورتى تىرىك چارۋامال ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن تىرىك چارۋامال ئىمپورت قىلىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقاردى، تەننەرخ ئازايدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئېشەك كۆپ، باھاسى ئەرزان، دۆلەت ئىچىدە ئېشەك يېلىمىنىڭ بازىرى ئىتتىك، بىز پورتتىن ياخشى پايدىلانساقلا، پۇل تاپالايمىز.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پورتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، تىرىك چارۋامال، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈش بەلگىلەنگەن پورتلار ئۈزلۈكسىز تەستىقلىنىپ، تۈرلۈك مەھسۇلاتلار شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز دۆلەت ئىچى بازارلىرىغا كىرىپ، دۆلەت ئىچى بازارلىرىنى زور دەرىجىدە ئاۋاتلاشتۇردى.

  قورغاسنى مىسالغا ئالساق، ھازىرغا قەدەر قورغاس پورتىنىڭ ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىش، ئاشلىق ئىمپورت قىلىش فۇنكسىيەسى ۋە سىياسىتى تەستىقلىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۇلاپ توشۇيدىغان خەلقئارا زامانىۋى قاتناش سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، تۆمۈريول، تاشيول، تۇرۇبا ۋە خەلقئارا ئوپتىكىلىق كابېل بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال پورت بولۇپ شەكىللەندى.

  لى شىنخېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، فۇنكسىيەسى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى. قورغاس، ئالاتاۋ ۋەكىللىكىدىكى پورتلار ئۇنىۋېرسال پورت بولۇپ قۇرۇلدى. 2017- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە پورتلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت مىقدارى 49 مىليون 589 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13.2، چېگرادىن كىرىپ- چىققان قاتناش قوراللىرى 279 مىڭ 327(پويىز، ئايروپىلان) قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13.87 ئاشتى.

    پورت مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پورتلارنىڭ قاتتىق ماتېرىيال شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، پورت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىمۇ تاموژنا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ماس ھالدا ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى كىشىلەر ۋە ئەشيالارنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا قولايلىق يۆتكىلىشىگە ئاساس سالدى، شۇنداقلا پورتلارنى ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇردى.

  5- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى TIR («خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت ئەھدىنامىسى») يۈك تىرانسپورتى قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو- قازاقىستان TIR تىرانسپورتى باشلاندى.

  TIR ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تاموژنىسىدىن چىقىپ ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تاموژنىسىغا بارغىچە، ئارىلىقتا بېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تاموژنىلىرى مالنى تەكشۈرمەيدۇ، كارخانىلارمۇ زور سوممىلىق چېگرادىن ئۆتۈش كېپىللىك پۇلى تاپشۇرمايدۇ.

  TIR سىستېمىسى ب د ت ئەھدىنامىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، خەلقئارا چېگرا ھالقىغان يۈك تىرانسپورتى ساھەسىدىكى دۇنياۋى تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرىدىغان سىستېما بولۇپ، ھازىر دۇنيا بويىچە ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتتىن 73ى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى دۆلەت يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىغا جايلاشقان.

  سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك تاموژنا ھەمكارلىقى ئارقىلىق، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان دۆلەتلەردە تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو- قازاقىستان تاشيول پورتىدا جۇڭگو- قازاقىستان تاموژنا بىرلەشمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ئىككى تەرەپ ئىمپورت- ئېكسپورت مال تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەش، ئېلېكتىرونلۇق يوللاش، كىنىشكىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، بىر قېتىمدىلا ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باشلىقى جاۋ گې مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تۈركىيە، پولشا، گېرمانىيە قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ تاموژنىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەمۇرىيەت ۋە قانۇن ئىجراسىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  2017- يىلى ئۈرۈمچى تاموژنىسى مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قىسقارتتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى