قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شىمىگو رايونىدىكى سەككىز يولنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2018-06-07 19:37:17     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

سۈرەتتە: قۇرۇلۇش مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

بۇ يىل ئۈرۈمچى شىمىگو رايونىنىڭ شەرقىي شىخۇڭ يولى، نەنخۇ غەربىي يولى قاتارلىق سەككىز ئاساسلىق غول يوللىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدۇ.

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىر ليۇداۋان ۋېيخۇ چۈنگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا، بىنالار ئەتراپىنىڭ توسۇلۇپ، ئولتۇراق رايونىدىكى يولدا بىخەتەر يول مۇداپىئەلىنىش توسۇقىنىڭ ئورنىتىلىپ بولغانلىقىنى كۆردى.

شىمىگو رايونلۇق شەھەر قىياپىتى ۋە تازىلىقىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى رېن كەيجيې مۇنداق دېدى : « شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» خىزمىتى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل شىمىگو رايونى 1 مىليارد 225 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، بىناكارلىق ئېنېرگىيە تېجەش ئىسسىقلىق ساقلاش ئاساس قىلغان يول ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بۇلتۇرقى تەجرىبە نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يەكۈنلەش ئاساسىدا، شەرقىي شىخۇڭ يولى، غەربىي نەنخۇ يولى، كوئېنلۇن يولى، شەرقىي تاشقى ئايلانما يولى ( ليۇداۋان يول بۆلىكى) ، شەرقىي تاشقى ئايلانما يولى (شىمالى بەش يۇلتۇز يول بۆلىكى) ، سۇجۇ يولى، غەربىي ئارىشاڭ يولى، شىنشىڭ كوچىسىدىن ئىبارەت سەككىز يولنى ئۆزگەرتىش پىلانلىدى. ئۆزگەرتىلىدىغان يوللارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي تەخمىنەن 14.1 كىلومېتىر بولۇپ، 353 كورپۇس قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى تىك كۆرۈنۈش يۈزى ئۆزگەرتىلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىمىگو رايونى شەرقىي تاشقى ئايلانما لىنىيەسى بويىدىكى بىنالاردا سۇ ئۆتمەس، ئىسسىق ئۆتمەس، مۇز كەپلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۆزگەرتىشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ليۇداۋان ۋېيخۇ زىگۇاڭ ئولتۇراق رايونى بىلەن ۋېيخۇ چۈنگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا جەمئىي 10 كورپۇس قۇرۇلۇش ئۈلگە سۈپىتىدە ئالدىن سىناق قىلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە، سەككىز يولنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 15 كۈنى قۇرۇلۇش تاماملاش پىلانلانغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى