قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-06-08 10:56:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «تەرەققىيات ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تەرەققىيات چوقۇم ئىلمىي، يېڭىلىق يارىتىشچان، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشى شەرت» دەپ كۆرسەتتى. سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۆلەت دەرىجىلىك شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، «شايۈەن» يېڭىچە بىناكارلىق ماتىرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جاۋ شىنگاڭ خېرىدارلارغا كېرەكسىز تاشلاندۇقلارنى قىممەتلىك گۆھەرگە ئايلاندۇرغان يېڭى مەھسۇلاتنى تۇنۇشتۇرۇپ، بىرلەمچى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدىن چىققان كۆمۈر كۈلىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىچە بىناكارلىق ماتىرىيالى ئىشلەپچىقارغانلىقىنى تۇنۇشتۇرىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدىن چىققان كۆمۈر كۈلىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىچە بىناكارلىق ماتىرىيالى ئىشلەپچىقىرىمىز. ئىلگىرى، خىشنىڭ ئىككى تەرىپىگە سىمونت لاي سۈركەپ تەكشىلىك تاپاتتۇق. ھازىرقى يېڭىچە خىشنىڭ تەكشىلىكى ناھايىتى ياخشى، سىمونت لاي سۈركەش ھاجەتسىز. بۇ مەھسۇلات-- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
كۆمۈر كۈلىدىن دەرس ئۈستىلى ئىشلەش، كۆكۈر كوكس زاۋۇتىدىن چىققان كۆمۈر گازىنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرگەندىن كېيىن توك تارقىتىشقا ئىشلىتىش، ئىلگىرى ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان كوكس پېچى گازىنى ئورىيا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خام ماتىرىيالى قىلىش... بۇلتۇردىن باشلاپ، دۆلەت دەرىجىلىك شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كارخانىلارنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەڭشەپ، كارخانىلار ۋە كەسپلەر ئوتتۇرىسىدا ھەم يېپىق ھالەتتە ھەم بىرىكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئايلانما كەسپلەر زەنجىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. شىنجاڭ «گوتەي» شىنخۇا كانچىلىك چەكلىك پاي شىركىتى-- بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن كارخانىلارنىڭ بىرى. كارخانا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ جىلۇڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز كۆمۈرنى خام ئەشيا قىلىدۇ، بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئايلانما شەكىلدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ يىللىق كۆمۈر ئىشلىتىش مىقدارىمىز 150 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىمىز 1 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن. ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارنى قوشقاندا، مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.. كېلەر يىلى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. شىنجاڭنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى جەھەتتىكى شارائىتى ئىچكىرىي جايلارنىڭكىدىن ياخشى.
شىنجاڭ «جىنشىن» بىئو پەن- تېخنىكا شىركىتى بىر قانچە يىل ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى چىگىت يېغى ئىشلەپچىقىرىشتىن بىئو دورا ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى لى شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى نەچچە 10 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتىنى بۇ يىل 800 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدۇق. كەسپ زەنجىرى داۋاملىق ئۇزارتىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورىغا كۆپرەك يۈزلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسپلەر توپى، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى سىستېمىسى، كەسپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش سىستېمىسى، ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىشىش-يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر، كۆمۈر ئېلىكتىر ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى، پەن- تېخنىكا ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپى قاتارلىقلارنىڭ بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. سانجى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ شياۋۋىي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، كەسپ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يېشىل بولۇشى، ئامىللارنىڭ توپلىنىشى، كەسپلەرنىڭ توپلىشىشى، رايون- بازارلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە كەسپلەر بىلەن شەھەر رايونىنىڭ بىرىكىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تەبىئەت بىلەن شەھەر ھەمتۈرتكە بولغان، كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئولتۇراقلىشىش تەڭكەش بولغان، ئىكولوگىيە- ساقلىقنى ساقلاش بىلەن باغچىلاشقان رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەڭ راۋاجلانغان «بەختكە تولغان يېڭى شەھەر» بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى