قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئەينى يىللاردىكى «تۆھپىكار كان رايونى» كەسپ شەكلىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، توپا-چاڭ ئۇچۇپ تۇرىدىغان كان رايونىنى دۆلەتلىك «5 ئا» دەرىجىلىك گۈزەل مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

2018-06-08 11:02:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60- يىللىرىدا، غەربىي شىمال چېگرا رايونغا جايلاشقان ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى كۆكتوقاي-- مول ۋە قىممەتلىك مىتال بايلىقىغا تايىنىپ، دۆلەتنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» نىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەينى يىللاردىكى «تۆھپىكار كان رايونى» كەسپ شەكلىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، توپا-چاڭ ئۇچۇپ تۇرىدىغان كان رايونىنى دۆلەتلىك «5 ئا» دەرىجىلىك گۈزەل مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
كۆكتوقايدىكى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مىتاللار كېنى باغچىسىدا، چۈشەندۈرگۈچى خادىم ساياھەتچىلەرگە بۇ كان رايونىنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرىۋاتقانىدى. خېبىيدىن كەلگەن ساياھەتچى لياڭ خانىم مۇنداق دېدى: بۇ كاننىڭ ئېچىلىش تارىخى، ئېچىلىش شەكلى ۋە قېزىپ چىقىرىلغان مىتاللار توغرىسىدا تۇنجى قېتىم چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.
چوڭقۇرلۇقى 250 مېتىر كېلىدىغان3- نۇمۇرلۇق كان قۇدۇقىنىڭ ئالدىدا، شىنجاڭ رەڭلىك مىتال سانائىتى گۇرۇھى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مىتاللار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ليۇ شىلىن ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 3- نۇمۇرلۇق كان قۇدۇقى-- گىئولوگىيە ساھەسىدە بىر قەدەر داڭلىق كان ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردىن قېزىلغان 108 خىل مىتال-- دۆلەتنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇ يەرنى ھەقىقەتەنمۇ «تۆھپىكار كان رايونى» دېيىشكە بولىدۇ.
كان بايلىقىنىڭ تۈگىشىگە ئەگىشىپ،2002- يىلى، كۆكتوقاي كان رايونى تاقالدى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە مال-مۈلۈك قايتا تەشكىللىنىپ، شىنجاڭ رەڭلىك مىتال سانائىتى گۇرۇھى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مىتاللار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ قۇرۇلدى. 2013- يىلى، كۆكتوقاي كان رايونى دۆلەت تەرىپىدىن مۇستەقىل كان رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋە كۆچۈرۈشتىكى سىناق نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، كان رايونىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى باشلاندى. كان رايونىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ليۇ شىلىن كارخانا شەكلىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە پائال ئاتلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كارخانىدىن 3 نى تاقىدۇق. گىئولوگىيەلىك كان قۇدۇقى ۋە «تۆھپىكار كان رايونى» مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، ئۆزگىچە سانائەت ۋە قىزىل ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويدۇق. شىمالىي شىنجاڭ «نۇرلۇق مەرۋايىت» ساياھەت شىركىتى قۇرۇپ، كەسپلەرنى تەڭشەش ۋە كەسپ شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، 2- كەسپتىن چېكىنىپ،3- كەسپكە يۈزلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بايلىق مەنبەسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل ۋە مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدۇق.
بۈگۈنكى كۈندە، كۆكتوقاي كان رايونىدا، ساياھەتچىلەر چۈشەندۈرگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئايغۇز كان قۇدۇقىغا چۈشۈپ، كان رايونى ساياھىتىگە قاتنىشىپ، ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مىتاللارنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا،3- نۇمۇرلۇق كان قۇدۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كان رايونىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىيالايدۇ. بۇلتۇر، كان رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى كىرىمى 1 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ليۇ شىلىن مۇنداق دېدى: كۆكتوقاينىڭ كەلگۈسى-- يېشىل بولۇشتىن كېلىدۇ. كۆكتوقاي-- گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىگە، مول گىئولوگىيەلىك بايلىققا، ئاجايىپ «تۆھپىكار كان رايونى» مەدەنىيىتىگە ئىگە. بولۇپمۇ، كارخانىمىز 70 يىلدىن بۇيان، جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىشلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇشتىن ئىبارەت كۆكتوقاي روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. بىز مانا مۇشۇلارغا تايىنىپ، ئۆزگىچە سانائەت ۋە قىزىل ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆكتوقايدا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى