قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاشقورغان 20 مېگاۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە يېقىندا رەسمىي قۇرۇلۇش تاماملاندى ھەمدە رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى

2018-06-08 11:06:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
تاشقورغان 20 مېگاۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە يېقىندا رەسمىي قۇرۇلۇش تاماملاندى ھەمدە رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى يورۇقلۇق ۋولتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.           
بۇ تۈر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان، مەركەزلەشكەن يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈر ئومۇمىي مەبلىغى 174 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ تۈردىن يارىتىلغان پايدا تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدىن ھەر يىلى تاشقورغانغا 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، 800 نامرات ئائىلىنى دەل جايىدا يۆلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، نامراتلارنى يۆلەش مۇددىتى 20 يىل بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى يورۇقلۇق ۋولتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق رايون قىلىپ بېكىتىپ، 19 ناھىيە، شەھەردىكى يورۇقلۇق ۋولتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 26 تۈرنى قاپلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 720 مىڭ كىلوۋاتقا، ئومۇمىي مەبلەغ 7 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يىتىدىكەن. يورۇقلۇق ۋولتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان تۈردە يىلىغا 25 كىلوۋات توك ئارقىلىق 1 نامرات ئائىلىنى يۆلەش پىلانلانغان، بۇ ئارقىلىق 28 مىڭ 800 ئائىلىدىن تەخمىنەن 140 مىڭ نامرات نوپۇسىنى دەل جايىدا يۆلەش ھەمدە نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇپ، كىرىمنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.        

 تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى