قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىڭگاڭشەن دەۋرىدىكى داڭلىق ھەربىي قوماندان خې تىڭيىڭ

2018-06-08 11:22:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خې تىڭيىڭ،1905- يىلى5- ئايدا شەنشى ئۆلكىسى خەنجۇڭ شەھىرىگە قاراشلىق نەنجېڭدا تۇغۇلغان. 1925- يىلى 5- ئايدا، «5- ماي» ھەرىكىتىگە قاتناشقان،6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. شۇ يىلى قىشتا، خې تىڭيىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
1927- يىلى9- ئايدا، خې تىڭيىڭ خۇنەن- جياڭشى چېگرىسىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسى1- تۈەنى 1- لىيەنىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان،9- ئاينىڭ29- كۈنى سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش داۋامىدا،1- تۈەن3- يىڭنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلىنىپ، قىسىم بىلەن بىللە جىڭگاڭشەنگە يۈرۈش قىلغان. شۇ يىلى12- ئايدا، خې تىڭيىڭ 1- تۈەننىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خې تىڭيىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى بەرپا قىلىش كۈرىشىگە قاتناشقان.
1928- يىلى4- ئايدا، جۇ دې، ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى قىزىل قوراللىق قوشۇن جىڭگاڭشەندە غەلبىلىك ئۇچرىشىپ، جۇڭگو ئىشچى- دېھقان ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ4- جۈنى قىلىپ تەشكىللەنگەن. ئۇنىڭغا قاراشلىق تۆت تۇەن بولۇپ، خې تىڭيىڭ31- تۈەننىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان. خې تىڭيىڭ ماۋ زېدۇڭ، جۇدېنىڭ رەھبەرلىكىدە، قىسىمنى باشلاپ، لۇڭيۈەنكۇ ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلىش، يۇڭشىن شەھىرىنى قورشاش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان.
1928- يىلى8- ئايدا، مەشھۇر خۇاڭياڭجېنى قوغداش ئۇرۇشىدا، خې تىڭيىڭ بىلەن تۇەن باشلىقى جۇ يۈنچىڭ بىر يىڭغا يەتمەيدىغان ئەسكىرىي كۈچكە قوماندانلىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا تايىنىپ، قارشىلىق كۆرسىتىپ، خۇنەن- جياڭشى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ تۆت تۈەنىنىڭ نۆۋەتلىشىپ قىلغان ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ، خۇاڭياڭجنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قوغداپ قالغان.
1929-يىلى1- ئاينىڭ14- كۈنى، خې تىڭيىڭ ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې، چېن يىلار بىلەن بىللە قىزىل4- جۈننىڭ ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ، جىڭگاڭشەندىن ئايرىلىپ، ئۇرۇشنى جەنۇبىي جياڭشى، غەربىي فۇجيەنگە يۆتكەپ، يېڭى تايانچ بازىلارنى قۇرغان. 1- ئاينىڭ ئاخىرىدا، خې تىڭيىڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دايۈدىكى جەڭدە ئېغىر يارىلانغان، يۆتكىلىش يولىدا يەنە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 24 يېشىدا بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى