قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق يالقۇن مەمەت بىلەن چى جىمىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، بىر- بىرىگە ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى

2018-06-08 11:25:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
گەرچە ئۇلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما قېرىنداشلاردىنمۇ بەكرەك يېقىن ئۆتىدۇ. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق يالقۇن مەمەت بىلەن چى جىمىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، بىر- بىرىگە ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، يالقۇن مەمەتنىڭ تېلېۋىزورىدا كاشىلا كۆرۈلدى، چى جىمىڭ بۇنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تېلېۋىزورنى رېمونت قىلىپ بەردى. يالقۇن مەمەتنىڭ ئانىسى گۈلشەن مۇنداق دېدى: چى جىمىڭنى چوڭ ئوغلۇمدەك كۆرىمەن. ئۆيدىكى سۇ تۇرۇبىسى دېگەندەك نەرسىلەر بۇزۇلۇپ قالسا ئۇ كېلىپ، رېمونت قىلىپ بېرىدۇ.
چى جىمىڭ يالقۇن مەمەتنىڭ 20 يىل ئىلگىرى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن چاغدىكى گۇرۇپپا باشلىقى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن يالقۇن مەمەت تېخنىكا بىلمەيتتى، دۆلەت ئورتاق تىلىنىمۇ ياخشى سۆزلىيەلمەيتتى. چى جىمىڭ ئۇنى قولمۇ-قول تەربىيەلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى بارا-بارا قويۇقلىشىپ، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. يالقۇن مەمەت مۇنداق دېدى: توقۇمچىلىق زاۋۇتىغا يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقاندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلمەيتتىم، شۇنىڭ بىلەن چى جىمىڭدىن بىرمۇ-بىر ئۆگەندىم.
بۇلتۇر، توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى بولمىغانلىقتىن ئىككىيلەن خىزمەتتىن ئىستېپا بىرىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتى. گەرچە بىللە خىزمەت قىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئىزچىل ئۈزۈلمىدى. چى جىمىڭ مۇنداق دېدى: بىز پات-پاتلا بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىر- بىرىمىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى يوقلايمىز. يالقۇننىڭ ئانىسى مىنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ دائىم تاماق ئېتىپ، مىنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ بىرگە تاماق يەيمىز.
چى جىمىڭ دائىم، دوستۇم يالقۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆزەمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدەك كۆرىمەن، دەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:  دوستۇم يالقۇننىڭ دادىسى ھايات چېغىدا، ئىككىمىزنى قېرىنداشلاردەك ياخشى ئۆتۈڭلار، كېيىنمۇ بېرىش- كېلىشنى ئۈزۈپ قويماڭلار، دەيتتى. بىز بۇ مۇناسىۋەتنى سىجىل داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. كىيىنچە بالىلىرىمىزنىمۇ مۇشۇنداق قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتسىكەن دەيمىز. مەن پەرزەنتلىرىمنىڭ قەلبىگە مۇشۇنداق ياخشى تۇغقىنىمىز بارلىقىنى سىڭدۇرىمەن.
يالقۇن مەمەت مۇنداق دېدى: دادام، ئانام، يەنە بوۋام، موماملارمۇ دوستۇم چى جىمىڭنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەن مۇشۇ مۇناسىۋەتنى مەڭگۇ داۋاملاشتۇرىمەن. كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنىڭ ھازىرقىدىنمۇ بەختلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى