قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فەن چاۋجيې ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق «يۈەنتۇڭ» تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇمۇل شەھىرىدىكى بىر تارماق شىركىتىنىڭ مەسۇلىغا ئايلاندى

2018-06-08 11:30:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
27 ياشلىق فەن چاۋجيې ئىشنى ئادەتتىكى تېز يەتكۈزگۈچى خادىمىدىن باشلاپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق «يۈەنتۇڭ» تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇمۇل شەھىرىدىكى بىر تارماق شىركىتىنىڭ مەسۇلىغا ئايلاندى. ئۇ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
فەن چاۋجيې بىڭتۇەن13- شىسى قىزىل يۇلتۇز4- مەيدانىدىكى ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالاھىدە يېز يەتكۈزۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىكى زاۋۇتلاردا ئىشچى ۋە ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدا تۆمۈر يول رېمونتچىسى يەنە يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەتچىسى بولغان يەنە يايمىمۇ ئېچىپ باققان. فەن چاۋجيېنىڭ بىرقانچە يەردە ئىشلەمچىلىك قىلىشتەك كەچۈرمىشى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئۇنى ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چىدامچان قىلدى. 2013- يىلى فەن چاۋجيې يۇرتى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپ، «يۈەنتۇڭ» تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىدە ئالاھىدە تېز يەتكۈزگۈچى خادىم بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ خىزمەت جەريانىدا كۈندە ۋېلىسپىتتە 40- 50 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، 200 نەچچە پوسۇلكىنى تارقىتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن دەسلەپتە خىزمەت قىلغاندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىم. قىشتا پوسۇلكا تارقاتقاندا ھاۋا بەك سوغۇق، يازدا بەك ئىسسىق بولسىمۇ، مەن يەنىلا بەرداشلىق بەردىم.   
فەن چاۋجيې بەزى چەت كوچىلاردىكى ئىشىك نومۇرىغا پىششىق بولمىغاچقا، دەسلەپتە ھەمىشە تېز يوللانمىنى خاتا يەتكۈزۈپ قويغاچقا، شىركەت ئۇنىڭغا دائىم جەرىمانە قوياتتى، ئۇمۇ توختىماي خېرىدارلاردىن كەچۈرۈم سورايتتى. فەن چاۋجيې بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمەستىن بەلكى مۇلازىمەت كەسپىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئۇ ھەر بىر خېرىدارغا تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلدى. 2014- يىلى، تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە بەلگىلىك تەجرىبىگە ئىگە بولغان فەن چاۋجيې دوستلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە بىر قىسىم ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىشتا مەبلەغ جەھەتتە قىينىلىپ قالغان بولساقمۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ قىيىنچىلىقلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدۇق.  
بەخت ئىشىكنى ئۆزى چەكمەيدۇ، بەختنى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يارىتىش كېرەك. فەن چاۋجيې كېيىنكى قەدەمدە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تىجارەت بۆلۈمىنى ئۆلچەملىك تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارغا قولايلىق مۇلازىمەت قىلىشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كەسىپتە جاپا- مۇشەققەتتىن باش تارتماسلىق كېرەك. كۆرەش قىلىش جەريانىدا مەن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن. يېڭى دەۋر چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ. 

  تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى