قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇز ۋە ئوتنىڭ سىمفونىيىسى

2018-06-08 11:38:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شۇ لۇ

قەدىمىي، كۆپ- كۆك دېڭىز ئاستىدا قانچىلىك كۆپ سىرلار ساقلانغان؟ قەدىمدىن تارتىپ، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ دېڭىزغا بولغان قىزىقىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان. دېڭىز ئوكيان ھەققىدە ئىزدىنىشى، ئىنتىلىشى توختاپ باققىنى يوق. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىن قالغان نۇرغۇن ئەپسانە، رىۋايەتلىرىدىن بۇ نۇقتىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. تۆت دېڭىز ئەجدىھا شاھى، جېڭ ۋېينىڭ دېڭىزنى تىندۇرىشى، نېجانىڭ دېڭىزنى قالايمىقان قىلىشى، سەككىز ئەۋلىيانىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈشى دېگەندەك. قەدىمكىلەر يەنە: تۇمان بىلەن قاپلانغان بىپايان شەرقىي دېڭىزدا يىڭجوۋ، پېڭلەي، فاڭجاڭ قاتارلىق ئۈچ ئەۋلىيا تېغى بار، تاغدا مەڭگۈ قېرىمايدىغان ئەۋلىيا بار، ئۇ يەردە يەنە سان- ساناقسىز بايلىق يوشۇرۇنغان، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان.
2 مىڭ 200 يۈز يىللار ئىلگىرىكى چىن شىخۇاڭ بۇ رىۋايەتنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شۇ فۇنى ئۇچ مىڭ كىشىلىك سۇ قوشۇنىنى باشلاپ بىپايان دېڭىزدا ھېلىقى ئۈچ ئەۋلىيا تېغىنى ئىزدەشكە بۇيرۇغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ فۇ جۇڭگو تارىخىي كىتاپلىرىدا خاتىرىلەنگەن يىراق دېڭىز سەپىرىگە چىققان تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان. ئەلۋەتتە، شۇ فۇ ۋە ئۇنىڭ كېمە ئەترىتى ھىچقانداق ئەۋلىيا تېغىنى تاپالمىغان. ئۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكى سىر بولۇپ قالغان. لېكىن، شۇ فۇنىڭ يىراق دېڭىز سەپىرىگە چىققانلىقى ئەينى ۋاقىتتا بىر ئۇلۇغ جاسارەت بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىپايان دېڭىزغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.
بۇ يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىڭى يىللىق بېغىشلىمىسىدا دۆلىتىمىزنىڭ 2017- يىلى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلۇش بىناكارلىق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئون چوڭ غەلىبىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلدى. «خۇييەن» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىنى سەيلە قىلدى. C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلان كۆكتە پەرۋاز قىلدى. كۋانت كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. دېڭىزدا شالنى سىناق سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئاۋياماتكا سۇغا چۈشۈرۈلدى. «خەييى» ناملىق چوڭقۇر دېڭىز پلانېرىنىڭ دېڭىزدىكى كۈزىتىش خىزمىتى مۇۋەپپىقيەتلىك تاماملاندى. تۇنجى قېتىملىق دېڭىز رايونىدا كۆيۈشچان مۇزنى سىناق قىلىپ قېزىش غەلىبىلىك بولدى. شاڭخەي شەھىرىدىكى «ياڭشەن» تۆتىنجى قارارلىق ئاپتوماتلىق پورتىدا قاتناش باشلاندى. شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. «گۈللىنىش» ماركىلىق تېز سۈرئەتلىك پاراۋۇز ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زىمىنىدا قاتناشقا باشلىدى......  پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلگەن ئۇلۇغ غەلىبە ۋە چوڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىگە نىسبەتەن باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگو خەلقى ياراتقان ئىجات قىلىش ئۇلۇغ كۈچىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن».
بۇ نەتىجىلەر ئىچىدە دېڭىزدا كۆيۈشچان مۇزنى قېزىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقى بۈگۈنكى پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوكياندا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشتە قولغا كەلتۈرگەن بىر تۈرلۈك نەتىجىسى.
ئەسلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى شېنخۇ سۇ تەۋەسىدە ئوكيان ئالىملىرى دېڭىز ئاستىدىكى «سىرلىق بايلىقلار» ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار ئۇ يەردە «لەنجىڭ 1- نومۇر» ناملىق بۇرغىلاش سۇپىسى قۇرۇپ گۆھەر ئىزدەۋېتىپتۇ. قۇرۇقلۇقتىن يىراق بىپايان دېڭىزدا، ئاي ۋە يۇلتۇزلار چاقنىغان كېچىلەردە، تېپ- تېنچ بىپايان ئاسمان ئاستىدا «لەنجىڭ 1- نومۇر» خۇددى مەزمۇت ئارالدەك، شامال ۋە دولقۇنلارغا پەرۋا قىلماستىن كېچىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان نۇرىنى ئۆچۈرۈپ باقمىدى.
بۇلتۇر 5- ئاينىڭ 18- كۈنى «لەنجىڭ 1- نومۇر» ناملىق بۇرغىلاش سۇپىسىدىن تۇيۇقسىز كۆزنى چاقنىتىدىغان قىزىل يالقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كۆپكۆك دېڭىز يۈزىنى يورۇتتى.
«تاپتۇق، تاپتۇق»،
«بىز غەلىبە قىلدۇق».
مەيداندىكى ئالىملار، پەن- تېخنىكا خادىملىرى ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ھاياجانلانغان ھالدا تەنتەنە قىلىشتى. بۇ قىزىل يالقۇن دۆلىتىمىزنىڭ كۆيۈشچان مۇزنى سىناق قىلىپ ئېلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
كۆيۈشچان مۇز- تەبىئىي گاز، يۇقىرى سۇ بېسىمى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن بىر خىل كىرىستال ماددا. ئۇ يەر شارىدىكى دېڭىزغا كەڭ تارقالغان، بەزىلىرى قۇرۇقلۇق مۇز قاتلىمى ۋە يەر ئاستىغا يوشۇرۇنغان. ئالىملار بۇ قىممەتلىك كۆيۈشچان مۇزنى «ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى» دەپ قارىماقتا. ئۇلار كەلگۈسىدە نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق ئەنەنىۋى بايلىقلار بارغانسېرى ئازلاپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆيۈشى يەر شارىنىڭ مۇھىتىنى بۇلغىماقتا. لېكىن، كۆيۈشچان مۇز بولسا، ھەم قولايلىق، ھەم پاكىز، مۇھىت ئاسراشقا تېخىمۇ پايدىلىق يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيەگە ھېساپلىنىدۇ.
كېيىنكى ئىككى ئايدا «لەنجىڭ 1- نومۇر» دىكى قىزىل يالقۇن بارغانسېرى ئېگىز كۆتۈرۈلدى. كۆيۈشچان مۇزنى ئىزدەش ۋە سىناپ قېزىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشى، جۇڭگو پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ 100 مېتىر تېيىز دېڭىزدىن 1 مىڭ 300 مېتىر چوڭقۇرلۇققا ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، دۇنياغا كۆيۈشچان مۇزنى قېزىشنىڭ «جۇڭگو لايىھىسى» نى تەقدىم قىلدى شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ چوڭقۇر دېڭىزدا يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
    قىلغان گۈزەل گۈلىگە ئوخشايدۇ. بەزى ئالىملار ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ دېڭىزدا ئورۇنلىغان مۇز ۋە ئوت سىمفونىيەسى!» دىيىشتى. ئالىملارنىڭ يەنە: كۆيۈشچان مۇزنى قېزىش خۇددى «پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئۈستىدە تۆمۈرچىلىك قىلغاندەك، ئالماس بىلەن كەشتە تىككەن» دەك بىر ئىش دەپ قاراشتى. دۇفۇ شۇنچىلىك يۇمشاق تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە قانداق تۆمۈرچىلىك قىلغىلى بولسۇن؟ ئالماس شۇنچە قاتتىق، شۇنچە توم تۇرسا، قانداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كەشتە تىككىلى بولىدۇ؟ بۇ «لەنجىڭ 1ـ  نومۇر» دا خىزمەت قىلىدىغان ئالىملار ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ كۆيۈشچان مۇزنى ئىزدەش ۋە سىناپ قېزىشتىكى ئوبرازلىق ئوخشىتىشى.
ئالىملارنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى كۆيۈشچان مۇز ئەڭ ئاساسلىق تارقالغان رايون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايلىق زاپىسى 350 مىليون توننا نېفىت ئېكۋىۋالېنتىغا باراۋەر كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆيۈشچان مۇزنى قېزىشمۇ بىر تۈرلۈك يېڭى، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېنېرگىيە قېزىش تېخنىكىسى بولۇپ، ھازىر دۇنيادا ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق قېزىش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان. شۇڭا، كىشىلەر بۇ ساھەنى ئوبرازلىق قىلىپ «ئادەمسىز رايون» غا ئوخشاتقان.
تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان، مۇزدەك دېڭىز سۈيى ئاستىدىن، ئاشۇ مەخپىي خەزىنىلەرنى تېپىش، ئاندىن ئۇلارنى دېڭىز يۈزىگە چىقىرىپ، قىزىل يالقۇن چىقىرىش ئۈچۈن، دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىنچىكە ئىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سەۋرچانلىق ۋە بوشاشمايدىغان قەتئىي ئىرادە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ مەخپىي خەزىنىلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بىزنىڭ خەزىنىدىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىمىزگىمۇ ھېچكىم ھۆكۈم قىلالمايدۇ.
بۇرغىلاشقا مەسۇل بىر ئالىم ماڭا:
- كۆيۈشچان مۇزنى قېزىشنىڭ ئەڭ قىيىن نۇقتىسى شۇكى، سىز قېزىشنىڭ قىيىن نۇقتىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيسىز. چۈنكى، بۇرغىلاش سىنىقى، ھەر ۋاقىت خەۋپ- خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىققا تولغان بولىدۇ. مەسىلەن، كۆيۈشچان مۇز تەبىئىي گاز بىلەن سۇنىڭ بىرىكمىسى، قېزىش جەريانىدا سۇ بىرىكمىسىنى قايتا ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ، بۇرغىلاش جەريانىدا يەنە پارچىلىنىشنى تىزگىنلەش كېرەك. شۇڭا، تۇنجى قېتىم چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇنداق خەتەرلەرگە يۈزلەنگەندە، كۆپچىلىك ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بېسىمنى ھېس قىلدى. ئويلاپ باقمامسىز، دۇفۇ ئۈستىدە تۆمۈر سوققاندا سەللا ئېھتىياتسىزلىق قىلسا، تۆمۈرنى سوقالمايلا قالماي، يەنە دۇفۇنى «دۇفۇ ئۇۋىندىسى» غا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان گەپ.
يەنە بۇلا ئەمەس. قۇرۇقلۇقتىن يىراق بىپايان دېڭىزدا، كۈندۈزى قارىماققا تىپتىنچ تۇرغان دېڭىز سۈيىنىڭ ئاستىغا نۇرغۇن يۇشۇرۇن خەۋپ يوشۇرۇنغانبولىدۇ.
بۇلتۇر 6- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى «لەنجىڭ 1- نومۇر» لۇق بۇرغىلاش سۈپىسى تۇيۇقسىز 13 بال بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بوران- چاپقۇن جۇددى قاتتىق غەزەپلەنگەن تەڭداشسىز كۈچلۈك گىگانت ئادەمدەك دېڭىز دولقۇنىنى كۆتۈرۈپ، ئەسلىدە مۇستەھكەم سۇپىنى بىر دەمدىلا ئۆرۈۋېتىدىغاندەك تەۋرىتىۋەتتى. قۇدۇق ئاغزى ۋەيران بولارمۇ؟ كۆپچىلىك تېزدىن چېكىنىشى كېرەكمۇ ياكى داۋاملىق قوغداش كېرەكمۇ؟ بۇنداق ۋاقىتتا، بىزنىڭ ئالىملىرىمىز ۋە ئىشچىلىرىمىز خەۋپ- خەتەردىن قورقماي، پولات ئىستىكامدەك بوران- چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، كۆزىتىش سۇپىسىدا چىڭ تۇردى. ئۇلار ئاخىرى بوران- چاپقۇن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالدى.
- سىلەر شۇ چاغدا بۇرغىلاش سۇپىسى راستىنلا ئۆرۈلۈپ كەتسە قانداق قىلىشنى ئويلاشتىڭلارمۇ؟ ــــ سورىدىم مەن.
- ئەلۋەتتە، شۇ چاغدا بىز ھەممىمىز كۆڭلىمىزدە ئەڭ يامان ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىپ قويدۇق. لېكىن، ھەممىمىز «بىزنىڭ پۇتىمىز ۋەتەننىڭ كۆك رەڭلىك تۇپرىقىغا دەسسەپ تۇرىۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدۇق ـــ دىدى ياش بىر تېخنىك.
- ۋەتەن دېگەن سۆزىنى ئويلىساقلا كۆڭلىمىزدە ھېچقانداق قورقۇنچ قالمىدى. بىز ئۇ يەردە ۋەتەن بىلەن بىرگە تۇرىۋاتىمىز دەپ ئويلىدۇق- دىدى يەنە بىرەيلەن.
شۇنداق ۋەتەن تۇرسا، يەنە قانداق كۈچ ئۇلارنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىرادىسىنى تەۋرىتەلىسۇن؟ يەنە قانداق بوران- چاپقۇن ئۇلارنىڭ پولاتتەك ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرەلىسۇن؟
«لەنجىڭ 1-نومۇر» دا خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىملاردا: 2030- يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە كۆيۈشچان مۇزنى كەسپلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پەرىزى ۋە تەسەۋۋۇرى بار. دېمەك، ئۇ چاغدا بىز قىشتا ئىشلىتىدىغان پار، سۇ قاينىتىش، تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گاز، يەنە زاۋۇت، ئورگان، دوختۇرخانا، مەكتەپلەردە ئىشلىتىدىغان يېقىلغۇلارنىڭ ھەممىسى پاكىز ۋە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەپلىك بولغان كۆيۈشچان مۇز بولىدۇ. ئۇلار يىراق دېڭىزدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، «مۇز ۋە ئوت سىمفونىيەسى» ئاستا- ئاستا ھەممە ئائىلىلەردە ياڭرايدۇ.
 قەدىمىي، كۆپكۆك دېڭىز بىزگە تۈگىمەس بايلىقلارنى ئاتا قىلدى. 50 نەچچە يىل ئىلگىرى، داھىمىز ماۋ زېدۇڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەتلىرىنى: «توققۇز قات ئاسماننىڭ قەھرىگە چىقىپ ئاينى ئۈزىمىز، بەش قات دېڭىزنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ تاشپاقا تۇتىمىز، كۈلكە چاقچاق ئىچىدە زەپەر قۇچىمىز» دەپ مەردانە تەسۋىرلىگەن ئىدى.
 50 نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم كىمىسى، «ئۆتكۈر كۆز» سۈنىي ھەمراھى قاتارلىقلار ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى؛ «خەييى» ناملىق چوڭقۇر دېڭىز پىلانېرى چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكتى، كۆيۈشچان مۇزنى سىناق تەرىقىسىدە قېزىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. رومانتىك تەسەۋۋرۇلار بىر- بىرلەپ ئەمەلگە ئاشماقتا. بىز يۇقۇرى سۈرەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئۇچقاندەك كېتىۋاتىمىز.
 
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى