قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەدىمىي كەنتتىكى مەسنەۋىدە ئىپادىلەنگەن ئائىلە ئىستىلى

2018-06-08 11:42:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاغ- دەريا بىلەن ئورالغان لاڭشى كەنتىگە كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى تاشقا ئويۇلغان مەسنەۋىلەرنى كۆردۈم، بۇ مەسنەۋىلەر مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
بۇ كەنت بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاھالىلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان ئورۇن. بۇ يەردىكى بارلىق ئۆيلەرنىڭ ئالدى جەنۇب تەرەپكە قارايدۇ، تاغنى بويلاپ رەتلىك سىلىنغان. قارا رەڭلىك خىش ۋە ياغاچ قۇرۇلمىلىق. ھەر بىر قاتار ئۆيلەر ئارىسىدا كۆك تاش ياتقۇزۇلغان جىمجىت ۋە ئۇزۇن كوچىلار بولۇپ، قەدىمىي پۇراققا ئىگە.
 كەنتتە مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى، ھەر بىر قەدىمى ئىمارەتنىڭ دەۋرزىسى ئالدىدا ئوردا ئىشىكىگە ئوخشاش بىر خاتىرە راۋىقى بار ئىكەن. خاتىرە راۋىقىنىڭ قارا رەڭلىك ئىشىك كېشىكى ئۈستىگە مەسنەۋى ئويۇلغان ئىكەن. يېقىن كېلىپ بۇ مەسنەۋىلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. بۇلار مەنزىرە، لىرىكا، ئەقىل- ھېكمەتلەر، كۈتۈنۈش ساۋاتلىرى، تېرىقچىلىق بىلىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قەدىمكى دانىشمەنلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە مىجەز خارەكتىرى ئىپادىلەنگەن.
تەبىئى مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن مەسنەۋىلەرنىڭ مەنىسى چوڭقۇر بولسا، ئەقىل- ھېكمەتلەر توغرىسىدا يېزىلغىنى نەپىس، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ يېزىلغانلىرى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، لېرىك ھىسسياتنى ئىزھار قىلغانلىرى يىراقنى كۆرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى.
بۇلار ئىچىدە يەنىلا تېرىقچىلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلار كۆپ سالماقنى ئېگىلەيدۇ. بۇ تاشقا ئويۇلغان مەسنەۋىلەر كۆپۈنكى، پېتىنقى ئويما شەكىلدە ئويۇلغان. كەيشۇ، شىڭشۇ، لىشۇ، جۇەنشۇ، ساۋشۇ يېزىقى قاتارلىق خەت شەكىللىرىدە يېزىلغان. ئۇسلۇبى بەزىلىرى جانلىق، بەزىلىرى نەپىس، بەزىلىرى  مەردانە، بەزىلىرى ئەركىن. بۇ مەسنەۋىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى چىڭ سۇلالسىىدىكى داڭلىق خەتتاتلار يازغان.
بىر كەنت ئاھالىسى ماڭا، كەنتتە تاشقا ئويۇلغان مەسنەۋىلەردىن 41 پارچە، سىياھتا يېزىلغىنىدىن بىرسى بارلىقى، بۇلار ئىچىدە خەتلىرى مۇكەممەل ساقلانغانلىرىدىن 21 پارچە، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدا يېزىقلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ يەنىلا بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغانلىرىدىن 9 پارچە، خەتلىرى تولۇق بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا پەرق قىلغىلى بولىدىغانلىرى 9 پارچە بارلىقى، يەنە ئۈچ پارچىسىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
مەسنەۋى كەسپىي خادىملىرىنىڭ باھالىشىغا ئاساسلانغاندا، لاڭشى كەنتىگە ئوخشاش، تاش راۋاق مەسنەۋىلىرى زىچ توپلاشقان، مەسنەۋى مەزمۇنى، خەتتاتلىق ۋە ئويوش تېخنىكىسى يۇقۇرى سۈپەتلىك بۇنداق مەسنەۋى كەنتىدىن مەملىكەت بويىچە ئىككىنجىسى يوق بولۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىك قىممىتىگە ئىگە ئىكەن.  بۇ يەر بايقالغاندا زىلزىلە پەيدا قىلىپ، 2012- يىلى جۇڭگو مەسنەۋى ئىلمىي جەمىيىتى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى كىلاسسىك مەسنەۋى 1- كەنتى» دەپ نام بېرىلگەن.
بۇ يەدە نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەدىمىي ئىمارەتلەر ۋە مەسنەۋىلەر بار؟
لاڭشى كەنتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇگاڭ، شىننىڭ، شاۋياڭ، لۇڭخۇي، دوڭكوۋدىن ئىبارەت بەش ناھىيە، شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جۇ يۇەنجاڭنىڭ 18- ئوغلى جۇ پىيەن ۋۇگاڭغا كەلگەندە ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەمەلدارلار بۇ يەرنىڭ قاتنىشىنىڭ قولايلىقى، سودىسىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ئارقا تاغنىڭ تاش قاتلىمىنىڭ خۇددى دولقۇندەك كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ماختىغاچقا، بۇ يەردە ماكانلىشىپ قالغان ئىكەن. پادىشاھ ئەۋلاتلىرى ئارقىمۇ- ئارقىدىن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، بۈگۈنكى قەدىمىي ئۆيلەر شەكىللەنگەن، شۇنداقلا ھەر خىل چوڭقۇر مەنىلىك مەسنەۋىلەر ئويۇلغان ئىكەن.
نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، لاڭ شى كەنتىدىكى كىشىلەر قەدىمكىلەرنىڭ تەربىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شېئىر ۋە كىتاپنى ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات قەدىرلەپ كەلگەچكە، نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىشىلەر چىققان. تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشچە ۋاڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى  قابىل، ئىقتىداردا داڭلىق ئىكەن.
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى بالىلار ئائىلە تەربىيەسىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ ئۈگەنگەچكە، كەنتتىن نەچچە يۈز ئۇقۇغۇچى ئالى مەكتەپ ۋە ئالى، ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا ئۆتكەن. ئۇلار سىياسى، سودا، پەن- تېخنىكا، مەدەنىەت، مائارىپ ساھەسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ياخشى ناملارغا ئېرىشكەن. لاڭشى كەنتىدىكى مەسنەۋىلەرنىڭ مەزمۇنى ئاددىي- ساددا بولۇپ، ئۇنىڭدا تېرىقچىلىق ۋە بىلىم بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش، تىرىشپ ئۆگىنىشتەك ئائىلە ئىستىلى نامايان قىلىنغان ھەم شۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيتىپ كەلگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى