قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلېكترونلۇق ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەر توپىدا يېشى كىچىكلىشىش، چەت، يىراق رايونلاردىكىلەر كۆپ بولۇشتەك ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن

2018-06-08 12:01:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تور ئويۇنى بارلىققا كەلگەندىلا قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ھازىرمۇ تور ئويۇنىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر دۆلىتىمىزدە تور ئويۇنى ئابۇنتلىرىنىڭ سانى 583 مىليونغا يەتكەن. ئۆتكەن بەش يىلدا يان تېلېفوندا تور ئويۇنى ئوينىغۇچىلارنىڭ سانى 90 مىليوندىن 554 مىليونغا كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر تور ئويۇنىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى بولۇپ قالغان. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئېلېكترونلۇق ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەر توپىدا يېشى كىچىكلىشىش، چەت، يىراق رايونلاردىكىلەر كۆپ بولۇشتەك ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن.
ئالدى بىلەن يېشىنىڭ كىچىكلىشىش ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختىلايلى. ھازىر 2000- يىللار ھەتتا 2005- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار «رەقەملەشكەن كىشىلەر» دەپ نام ئالدى. بەزى تىجارەتچىلەر خۇمار قىلىش تىپىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنى لايىھىلىگەندە، كىچىك ياشتىكى كىشىلەر توپىنى ئاساس قىلغان. ئويۇننىڭ لايىھىلىنىشى تور ئويۇنى ئوينىغۇچىلارغا روھى جەھەتتىن ئۇدا غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ، غايەت زور خۇشاللىق ئاتا قىلغان.
ئۇنىڭدىن قالسا، يەنە بىر خىل ئالاھىدىلىك چەت، يىراق جايدا تۇرغانلار. تور ئويۇنلىرىغا خۇمار بولۇپ قالغان ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەردە بەزى ئورتاقلىقلار مەۋجۇت. مەسىلەن، رېئال دۇنيادىكى ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى تار بولۇش، كۆڭۈل ئاچىدىغان باشقا ئۇسۇللىرى ئاز بولۇش قاتارلىقلار. ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، رېئال دۇنيادىن مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى تاپالمايدۇ. بىر قىسىم ناھىيە - يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ بۇ خىل ئېغىر ئاپەتكە مۇپتىلا بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپ دەل مۇشۇ. خۇمار بولۇپ قېلىش خاراكتېرلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇننىڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە بولغان غايەت زور تەسىرى مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچى، بۇ خىل مۇرەككەپ ھالدىكى خۇمار بولۇپ قېلىشنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش قېيىن، بۇنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بولغان سەلبىي تەسىرى بەك ئۇزۇن بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ئويۇندا بەرپا قىلىنغان مەۋھۇم دۇنيادا، قوپال، ھەتتا خاتا قائىدىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى خاتا يېتەكلىنىپ، ئېغىر ئىجتىمائىي يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىدۇ.بۇلتۇر دۆلىتىمىزدە تور ئويۇنى بازىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش كىرىمى 203 مىليارد 610 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان. مۇتەخەسسىسلەر ۋە كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر توت ئويۇنى كەسپىنىڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىش تۆۋەن چېكىنى كونترول قىلماي مەيلىگە قويىۋەتكەندە، بۇ خىل كەسىپنىڭ بىر مەزگىللىك پايدىسى كەلگۈسىدە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي خەۋپنىڭ ئورنىنى ھەرگىزمۇ تولدۇرالمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى