قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى ئادەمنىڭ تۇنجى قانۇنلۇق ئىسپاتى بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا، بالىلار ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇنى تۇغۇتقا ياردەم بېرىش ئاپپاراتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىمزالاپ تارقىتىدۇ

2018-06-08 12:28:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى ئادەمنىڭ تۇنجى قانۇنلۇق ئىسپاتى بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا، بالىلار ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇنى تۇغۇتقا ياردەم بېرىش ئاپپاراتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىمزالاپ تارقىتىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى ھالىتى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى، دۆلەت تەۋەلىكى، نوپۇسى ئورنىتىلىپ، پۇقرا سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن تېببىي ئىسپات.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ، ئۆلكە تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم ھەممىباب تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسى گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئاياللار، بالىلار داۋالاش مەركىزىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى. گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئاياللار، بالىلار داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيا خۈيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى «گۇاڭدۇڭ ئىشلىرى» ناملىق ئۈندىدار سۇپىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ سالاھىتىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن توردا ئىلتىماس قىلسا ۋە ئالدىن كېلىشىپ ئىسپات ئالسا بولىدۇ. قەغەز نۇسخىدىكى تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتىغا قول قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماس قەدەمدە تۇغۇلۇش تىببىي ئىسپاتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىمۇ پۈتۈپ چىقىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنى يان تېلېفونىنىڭ ئۈندىدار كارتىسى ئارقىلىق تەكشۈرسە بولىدۇ.
  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ فېي مۇنداق دېدى: ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈتۈش، تۇغۇشتىن تارتىپ تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا، چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىنى سۈيئىستىمال قىلىۋىلىش ئەھۋالىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق كىنىشكە بىلەن قەغەز نۇسخىدىكى تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدە ئوخشاشلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتېمائىي كاپالەت، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلارنىڭ 30 نەچچە ئىش بېجىرىش ساھاسىدە، شەھەر ئاھالىلىرى قەغەز نۇسخىدىكى تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ تارماقلار توردىكى ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكە ئارقىلىق تەكشۈرسە بولىدۇ.سەھىيە تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە كۈنىگە 4 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاق تۇغۇلغان. گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تۇغۇلغانلىق تىببى ئىسپاتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىنى ئېلىش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، تۇغۇلغانلىق تىببى ئىسپاتى ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامىسىنى تۈركۈملەپ تارقىتىدىكەن، شۇنداقلا ئېشىش مىقدارىغا ئاساسەن دەل ۋاقتىدا تارقىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى