قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟

2018-06-08 12:31:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئەمگەك قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلانغان يارىلانمىغانلىقىنى بېكىتىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن نېسى قالدۇرغان ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىشقا بولۇش - بولماسلىقتىكى زۆرۈر شەرتلىرىنىڭ بىرى. ئۇنداقتا، ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
بىرىنچى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئورۇنلاشتۇرغان ھەق بېرىلىدىغان ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. قانۇندىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە ئەمگەك ھەققى بېرىشى، ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي خاراكتېرلىك ئەمگەك قىلىشىدىن شەكىللەنگەن قانۇن مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەنمەيدۇ. ئەگەر ماجىرا يۈز بەرسە، بۇ ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسىگە تەۋە بولىدۇ.
ئىككىنچى: ئەمگەكچىلەر تەمىنلىگەن ئەمگەك بولسا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىنىڭ تەركىبىي قىسمى. بۇ نۇقتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشلىگەن مۆھلىتى مۇئەييەن ۋاقىتقا توشۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ ئادەتتىكى ياللاش، ياللىنىش مۇناسىۋىتى بولىدۇ.
ئۈچىنچى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكىتىشتە تۆۋەندىكى دەلىل ئىسپاتلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ : (1) مائاش بېرىش ئىسپاتى ياكى خاتىرىسى (ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش تارقىتىش تىزىملىكى)، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى؛ (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىلەرگە تارقاتقان «خىزمەت كىنىشكىسى»، «مۇلازىمەت كىنىشكىسى» قاتارلىق سالاھىيەتنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامىلەر؛ (3) ئەمگەكچىلەر تولدۇرغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش «تىزىملاش جەدۋىلى»، «تىزىملىتىش جەدۋىلى» قاتارلىق قوبۇل قىلىش خاتىرىسى؛ (4) يوقلىما خاتىرىسى؛ (5) باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىقلار.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم دەلىل-ئىسپاتى شۇكى، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان بولسا، ئەمگەكچى «خىزمەت كىنىشكىسى»، يوقلىما خاتىرىسى، خىزمەتداشلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىسا بولىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش ۋە ئەرز قىلىش بىر قاتار كەسپىي قانۇن مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، دەۋالاشقۇچىلار يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلسە، كەسپىي ئادۋوكاتلاردىن ۋاقتىدا مەسلىھەت سوراپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى