قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) تارماق ئىدارىسىدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى شۈ پېڭۋېينىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى

2018-06-08 12:32:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

4- ئاينىڭ 18- كۈنى تۇرغان تۇردى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) شۆبە ئىدارىسى چىڭگىداخۇ ساقچىخانىسىدا، خەلق ساقچىسى شۈ پېڭۋېينىڭ قولىغا بىر پارچە رەھمەت خېتىنى تۇتقۇزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۈ ساقچى بۇ بەش يىلدىن بۇيان، ماڭا ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە ئىزچىل ياردەم قىلىپ كەلدى. ھازىر بالىلىرىمنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى. شۈ ساقچىغا رەھمەت».
شۈ پېڭۋېي بىلەن تورغان تۇردى بوۋاينىڭ ھېكايىسىنى بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋالدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا، شۈ پىڭۋېي چىڭگېداخۇ ساقچىخانىسىغا يېڭىلا كېلىپ مەھەللە خەلق ساقچىسى بولغان ۋاقىت ئىدى. بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تېزدىن ئىگىلەش ئۈچۈن، شۈ پىڭۋېي ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەشنى باشلىۋەتتى. شۈ پىڭۋېي مۇخبىرغا: «2012- يىلى، 1- ئاي مەزگىلى ئىدى. ئۇ چاغدا كۈز بالدۇر باشلانغان بولغاچقا، تېمپېراتۇرا ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. تۇرغان ئاكىنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بەكلا سوغۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى.
تۇرغان ئاكىنىڭ ئايالى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى دائىم جەمئىيەتتىكى ئالىقانات ياشلار بىلەن بىللىلا يۈرەتتى. چوڭ قىزى نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۆيىدە ئىش كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدى. تۇرغان ئاكا شۈ پېڭۋېيگە بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋىتىپ يىغلاپ كەتتى. تۇرغان ئاكىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، شۈ پېڭۋېينىڭ ھەم كۆڭلى يېرىم بولدى ھەم بەك تىت - تىت بولدى.
 2013- يىلى باھاردا، شۈ پېڭۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تۇرغان ئاكىنىڭ ئوغلى ھەسەنجان چىڭخۇ كەنتىدە خەلق ئەسكىرى بولۇپ چىنىقىشنى باشلىدى. ئادەتتە، شۈ پېڭۋېي ھەسەنجانغا كەسپى ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە دائىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئىلھام بېرىپ تۇردى. 
شۇنداق قىلىپ ھەسەنجان بۇرۇنقى دوستلىرىدىن قول ئۈزۈپ تۇرمۇشى نورماللاشتى، خىزمەت ئاكتىپلىقىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىر يىلدىن كېيىن، شۈ پېڭۋېي دوستى ئارقىلىق ھەسەنجان ئەر - خوتۇن ئىككىسىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ھەسەنجان سودا سارايدا ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئۇنىڭ ئايالى مۇھىت تازىلىق ئىشچىسى بولدى. ئۇلار بىر قانچە ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، كىرىمى خېلى كۆپىيىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يېڭى خىزمەتداشلار بىلەن تونۇشتى، يېڭى دوست تاپتى.
تۇرغان ئاكىنىڭ قىزى ئانارخاننىڭ ئۆيىدە ئىش كۈتۈپ ئولتۇرغىنىغا خېلى بولغان ئىدى. شۈ پېڭۋېي ئۇنى قەيسەرلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ئانارخاننىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئاۋۋال مەھەللە كومىتېتىغا، كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئانارخان ئۆيىگە يېقىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولدى. يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشكەن ئانارخاننىڭ كەيپىياتى ئوڭشىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان بولدى.
قىزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن تۇرغان ئاكا خۇشال بولغان ھالدا: «شۈ ساقچى خەلققە ھەقىقى ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان ئۇ ئائىلەمدىكىلەرگە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدى، بىز تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىمىز» دېدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى