قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز  2016- يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن ھەۋزىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشنى باشلىدى

2018-06-08 17:03:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تارىم دەرياسى ھەۋزىسى ئۇنىۋېرسال تۈزەلگەندىن كېيىن، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى بارغانسېرى كۆپىيىپ، بىر مەھەل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يېشىل كارىدور قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. مۇشۇ ئاساستا، ئاپتونوم رايونىمىز  2016- يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن ھەۋزىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشنى باشلىدى. بۇ، ئېكولوگىيەلىك سۇنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن ھەۋزىگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى توختى ئەخمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە يەكەن دەرياسى ھەۋزىسىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا 35 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەردۇق، بۇ يىل تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى