قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاموژنا باش مەھكىمىسى «چېگرادىن كىرگەن-چىققان ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى» نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى

2018-06-08 17:02:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تاموژنا باش مەھكىمىسى «چېگرادىن كىرگەن- چىققان ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى» نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىمۇ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ماس قەدەمدە ئەمەلدىن قالدۇردى. ھازىر كارخانىلار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، «ئالاقە تورى بىلەن تاموژنىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش» ۋە خەلقئارا سودا «يەككە كۆزنىكى» دىكى تاموژنىغا-تەكشۈرۈشكە يوللاش سۇپىسىدا تاموژنىغا- تەكشۈرۈشكە يوللاش سانلىق مەلۇماتىنى كىرگۈزۈپ، تاموژنىغا بىرلا قېتىم مەلۇم قىلسا بولىدىكەن، ئەسلىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى ۋە رەت نومۇرىنى قايتا تولدۇرمىسىمۇ بولىدىكەن، مەلۇم قىلغاندا، تەكشۈرۈشكە يوللايدىغان ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات سانلىق مەلۇماتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەت نومۇرىنى تولدۇرسىلا بولىدىكەن، يەككە كۆزنەك بۇنىڭغا ئاساسەن پىرىيوم- كارانتىن ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات سانلىق مەلۇماتى بىلەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنى ئاپتوماتىك باغلايدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىمپورت-ئېكسپورت كارخانىلىرىمىز رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى. خەلقئارا سودا «يەككە كۆزنىكى»نى قوللىنىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەر ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى