قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنى

2018-06-08 17:26:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئوغلاق تارتىشىش ـ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئوغلاق تارتىشىش ئوتتۇرا ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۆرە تارتىشىش ئويۇنىدىن ئۆزگەرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا بۆرىنىڭ چارۋىلارغا زىيىنى چوڭ بولۇپ، چارۋىچىلار بۆرىگە ئىنتايىن ئۆچ ئىكەن، ئەگەر  بىرسى بىرەر بۆرىنى ئوۋلاپ قالسا دەرھال  ئاتقا ئارتىپ قاچىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ھەممىسى يوپۇرلۇپ كېلىپ بۆرىنى تالىشىپ، شۇ ئارقىلىق كۆڭۈل ئاچىدىكەن. كېيىن بۇ ئاستا -ئاستا تەرەققىي قىلىپ بىر خىل مەخسۇس كۆڭۈل ئېچىش شەكلىگە ئايلىنىپ، بۆرە تارتىشىشتىن بارا- بارا ئوغلاق تارتىشىشقا ئۆزگەرگەن.

ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدە ئادەتتە ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان قاۋۇل ئۆچكە تاللاپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋال بېشى بىلەن تۆت پۇتى كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ، ئوغلاقنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ئېلاسستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، تارتىشىشقاندا پارچىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئوغلاقنىڭ قىزىل ئۆڭگىچى بوغۇپ قويۇلۇپ سۇغا چېلىنىدۇ ياكى قېرىنىغا سۇ قۇيىلىدۇ.

ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ مۇسابىقىسىدە ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺷﻪﺧﺲ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﺑﻪﻟگىلەﻧﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯧﺘﻰ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﻙ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭﺑﻪﺱ- ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﺯﻩﯕﮕﻪ ﺋﺎستى ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﺘﯘﺭﯗﭖﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯘﻳﯘﻧﺪﻩﻙ ﭼﺎﭘﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﻳﺪﯗ. ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥﺋوغلاق ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﺟﯧﯖﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻏﻼﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﺶﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯩﺪﯗ، ﺋﯧﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﻗﺎﯞﯗﻝ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ﻏﯘﮊﻣﻪﻙ ﺑوﻟۇﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﻮﻏﻼﻕﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﯓ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺑﯚﺳﯜﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻳﺘﺎ- ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻏﻼﻗﭽﯩﻼﺭﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺋﻮﻏﻼﻗﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺎ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻏﻪﻟﺒﻪﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺸﺘﺎ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺸﻨﻰﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﯘﺋﻮﻳﯘﻥ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ . 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنى 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى