قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك 26 يېشىل كان قۇرۇلدى

2018-06-08 18:13:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شىنجاڭ «ياكېسى» بايلىق ئېچىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يەن شۆجۈن 6- ئاينىڭ 1- كۈنى مۇخبىرغا تېلېفوندا مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل 1 مىليون يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىپ، بۇ مەبلەغنى كونا كان رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشكە ئىشلەتمەكچى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خادىملارنى داۋاملىق كۆچەت تىكىش، تۇرمۇش رايونى، خىزمەت رايونىنى كۆكەرتىشكە سەپەرۋەر قىلىمىز.
شىنجاڭ «ياكېسى» بايلىق ئېچىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خۇاڭشەن مىس- نىكېل كانى قاقاس چۆللۈكتە بولۇپ، 2009- يىلىدىن باشلاپ، «ياكېسى» شىركىتى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاسان تۇتىدىغان كۆچەتلەر ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ تىكىپ، قاقاس چۆللۈكتىكى كان رايونىنى كۆكەرتتى. «ياكېسى» شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ھازىرغا قەدەر مىڭ موغا يېقىن يېشىل ئۆسۈملۈك كان رايونىنى قاپلىدى. 2014- يىلى 8- ئايدا «ياكېسى» شىركىتى «دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل كان سىناق نۇقتا ئورنى» بولۇپ باھالاندى.
يەن شۆجۈن مۇنداق دېدى: بىز تۇرۇۋاتقان بۇ جاي شامال رايونى بولۇپ، ئىلگىرى ئورمان بىنا قىلىنمىغان چاغلاردا بوران چىقسا كۆزنى ئاچقىلى بولمايتتى، بوران ئۇچۇرغان ئۇششاق شېغىللار بەدەنگە تەگسە ئاغرىيتتى. ھازىر زاۋۇت رايونىنىڭ سىرتىدا قانچە بال بوران چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، زاۋۇت رايونىدا شامالنىڭ كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلايدۇ، خادىملار يېشىل توسۇقنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلىشتى، ھازىر ئۇلارنىڭ كۆچەت تىكىش، ئوت- چۆپ تېرىش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى.
 ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مالىيەدىن 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، 52 كاننىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئالدىنقى قارارلىق چارلاش تۈرىنى، 96 كاننىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يەر كۆلىمى 4 مىڭ 710 گېكتارغا يەتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جېن جىچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇپ، قېزىلما بايلىقنى ئېچىش ئومۇمىي جەريانىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
 ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا 26 دۆلەت دەرىجىلىك، ئالتە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كان قۇرۇلدى، بۇ تۆمۈر، مىس- نىكېل، ئالتۇن، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، سىنك، ئۇران، نېفىت، كۆمۈر ۋە كالىي تۇزى قاتارلىق كان تۈرلىرىگە چېتىلىدۇ.
جېن جىچياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىز يېشىل كان رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلارنى شۇ ھامان تەستىقلاشنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان كاننى يېشىل كان ئۆلچىمىدە قۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق، قۇرۇلۇپ بولغان كانلار تەدرىجىي ھالدا يېشىل كان ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلۈپ، بايلىق ئېچىش بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرىمىز.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، ھاك تېشى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئون چوڭ كان تۈرى كەسپىگە يېشىل كان قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بېكىتىپ، 2020- يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 400 دىن ئارتۇق يېشىل كان، ئالتە يېشىل كانچىلىق تەرەققىيات ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قېزىلما بايلىقنى ئېچىشنى تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قېزىلما بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قېزىلما بايلىقنى چارلاش- ئېچىشنى تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلنى مەنبەدىن چىڭ تۇتتى. جېن جىچياڭ مۇنداق دېدى: بىز 3- قېتىملىق قېزىلما بايلىقنى پىلانلاشتىمۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى ئىچىدە يېڭىدىن كانچىلىق ھوقۇقى تەسىس قىلىشنى ئېنىق چەكلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى مەنبەدىن كۈچەيتتۇق.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر «شىنجاڭ يېشىل قالقان- 2017» تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت دەرىجىلىك 15 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 14 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدىكى كانچىلىق ھوقۇقىنى ئېنىقلاشنى تاماملىغان ھەم 29 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دائىرىسى ۋە فۇنكسىيەلىك رايوننى بېكىتىش ئەھۋالىغا ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز چارلاش، قېزىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بەرگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى