قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 230 مىڭ مو چىلان چېچەكلەپ پەرۋىش قىلىش مەزگىلىگە كىردى

2018-06-08 18:18:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھازىر، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 230 مىڭ مو چىلان چېچەكلەپ پەرۋىش قىلىش باسقۇچىغا كىردى. چىلاننىڭ مېۋە بېرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، چىلان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شۇ جايدىكى دېھقانلار چىلانلىق باغ پەرۋىشىگە بولغان باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، چىلاندىن مول- ھوسۇل ئېلىشقا كۈچىدى.
دېھقان ئەخمەت تۇرسۇن 16 مو يەردە چىلان ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇلتۇر كىرىمى يامان ئەمەس بولدى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇ چىلان دەرىخىنى سۇغىرىپ ئوغۇتلاش، ئوت ئوتاش قاتارلىق پەرۋىشلەرنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل تېخىمۇ ياخشى ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى ئۇدۇل ئۆستەڭ كەنتىدىكى دېھقان ئەخمەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: چىلان دەرىخى ئاساسەن چېچەكلەپ بولدى، ھازىر ئىشلىنىدىغان مۇھىم خىزمەت ئۇچىنى ئۈزۈپ بىخنى سىيرىش، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەت ئاپىتىنىڭ ئالدى ئېلىش. مەن يىل ئاخىرىدا چىلاننى ياخشى باھادا سېتىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن.
ھازىر چىلان دەرىخىنى پەرۋىش قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى. چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ئورمانچىلىق تېخنىكا خادىملىرى ئېتىز- ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، باغۋەنلەرگە چىلان ئۇچىنى ئۈزۈپ بىخنى سىيرىش، يازلىق چاتاش، سۇغۇرۇپ ئوغۇتلاش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك قىلدى. نۆۋەتتە، چاقىلىق ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن چۈشكەن توققۇز تېخنىك خادىم ھەر قايسى يېزا- بازارلارغا بېرىپ، چىلان دەرىخى چېچەكلەش مەزگىلىدىكى نەق مەيداندا باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 41 قېتىم نەقمەيداندا تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە داڭلىق ماركا يارىتىش» يولىدا چىڭ تۇرۇپ، چىلانچىلىق كەسپىي تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىپ، چىلان سۈپىتىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.
چاقىلىق چىلىنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «جۇغراپىيەلىك مەھسۇلات بەلگە ئىسپاتى تاۋار ماركىسى»، «جۇڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ خىل مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر، چاقىلىق ناھىيەسىدە  230 مىڭ مو كۆلەمدە چىلان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمىنى ئۆستۈرۈلدى. 100 مىڭ مو يېشىل چىلان بازىسى بەرپا قىلىنىپ، 100 مىڭ مو ئورگانىك چىلان بازىسى دەپ ئېتىراپ قىلىندى. چىلانچىلىق كەسپىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى