قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەكىت ناھىيەسىدە قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان 300 مىڭ يەرگە كۆچەت تىكىلدى

2018-06-08 18:20:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەكىت ناھىيەسىدە قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان 300 مىڭ يەرگە كۆچەت تىكىلدى.
ئادەم ئىلگىرلىسە قۇم چېكىنىدۇ. ئۈچ تەرىپىنى تەكلىمان قۇملۇقى ئوراپ تۇرغان مەكىت ناھىيەسى زور غەيرەتكە كېلىپ، قۇملۇقتا كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىپ، بەش يىلدا 300 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىپ، قۇملۇققا 16 كىلومېتىر ئىچكىرلەپ كىردى.
قۇم-بوراننىڭ زەربىسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، بوستانلىق، ئېتىزلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن مەكىت ناھىيەسى 2012- يىلىدىن باشلاپ، بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئومۇمىي پىلانلىغان كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش كۆلىمى 1 مىليون موغا يەتتى. ئومۇمىي پىلان رايونىنىڭ شىمالى بىڭتۈەن 3- شىسىدىكى ئالغا سۇ ئامبىرى بىلەن، جەنۇبى مەكىت ناھىيەسى ۋە يەكەن ناھىيەسىنىڭ باغ ئاۋات يېزىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا 50 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە 20 كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 667 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
مەكىت ناھىيەسى بۇلتۇرغىچە، 300 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە بىر يىشىل توساق بەرپا قىلدى. مەكىت ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۈپىڭ مۇنداق دېدى: بىز 50 مىڭ مو يەرگە ئاق تېرەك، 170 مىڭ مو يەرگە سۆكسۈك، 70 مىڭ مودىن كۆپرەك يەرگە چىلان، جىغان، يۇلغۇن، توغراق قاتارلىقلارنى تىكتۇق. ھازىر، بۇ دەرەخلەرنىڭ ئىگىزلىكى 10 نەچچە مىتىرغا، ئايلانمىسى 15 سانتېمىتىرغا يەتتى.
مەكىت ناھىيەسى قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ناھىيە بويىچە خەلقنى ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە 100 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى تەشكىللەپ، قۇملۇقتا كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلدى. ئەتىياز پەسلىدە 3- ئايدا كۆچەت تىككەن بولۇپ، كۆچەت تىكىش ۋاقتى 20، 30 كۈنگە، كۈزدە 11- ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ كۆچەت تىككەن بولۇپ، كۆچەت تىكىش ۋاقتى 50 كۈنگە يەتتى.
مەكىت ناھىيەسىدىكى كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشقا قاتناشقان مېۋە- چېۋە سودىگىرى لى شىڭۋۇ مۇنداق دېدى: كۆچەت تىكىدىغان ئورەكنىڭ ھەممىسى ئادەم كۈچى بىلەن قېزىلغان، ھەر بىر ئورەكنىڭ چوڭقۇرلىقى 60 سانتىمېتىردىن 80 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ. ئالدى بىلەن ئورەككە مەھەللىۋى ئوغۇت ۋە سېرىق توپا ئارىلاشتۇرۇلغان بەش كىلوگرام ئۇل توپا تۆكۈلۈپ، ئاندىن كۆچەت تىكتۇق.نۆۋەتتە، مەكىت ناھىيەسىنىڭ بىرىنچى قارارلىق 300 مىڭ مولۇق كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش قۇرۇلۇشى تاماملىنپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2016- يىلى مەكىت ناھىيەسى سۆكسۈك ئورمىنىغا توشقان زەدىكى ئۇلاپ، بۇلتۇر 700، 800 توننا توشقان زەدىكى يىغىۋېلىپ، 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەك كىرىم ياراتتى. نۆۋەتتە، مەكىت ناھىيەسى سۆكسۈك ئورمان بەلبىغىدىكى 15 مىڭ مو يەرگە توشقان زەدىكى تېرىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا تەييارلىق كۆرمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى