قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەشتىچىلىك بىلەن بېيىغان دېھقان قىزى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى

2018-06-08 18:23:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، چۆچەك شەھىرىنىڭ چاشا بازىرى باس ئاشۇتاس كەنتىدىكى «بېيىش ماھىرى»، چاشا بازىرى «بىر جۈپ غاز» كەشتىچىلىك جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاينۇر نۇربېك كەنتتىكى بەش نامرات نوپۇس ۋە بەش نامرات ئائىلىنىڭ بالىلىرىغا نەق پۇل ۋە كىيىم- كىچەك ئىئانە قىلدى.
ئاينۇر نۇربېك بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن بولۇپ، چاشا بازىرى باس ئاشۇتاس كەنتىنىڭ ئاھالىسى. ئۇنىڭ كەنت بويىچە «داڭلىق كەشتىچى» دېگەن نامى بار. ئۇ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ كەشتىچىلىك قىلىپ، تىرىكچىلىك قىلاتتى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاينۇر پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەشتىچىلىك كىچىك دۇكىنى ئېچىپلا قالماي، 2016- يىلى يەنە ئۆزىنىڭ كەشتىچىلىك جەمئىيىتىنى قۇردى. ئۇ قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتە تىكىش ھۈنىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتىكى ئاياللارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىدى.
تۇرسۇنگۈل مۇنداق دېدى: بىز ئاينۇرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ھەر يىلى كەشتە تىكىپ 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىۋاتىمىز. نۆۋەتتە، كەشتىچىلىك جەمئىيىتى كەشتىلىگەن قازاق مىللىتىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر كەشتە بۇيۇملىرى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ.
ئاينۇر نۇربېك يېزىدىن چىققان چىداملىق قىز. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق كۈرەش قىلىشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ھەر يىلى كەشتىچىلىكتىن قىلغان كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان سەۋىيەگە يېتىپ، ھازىر تۇرمۇشى بىر قەدەر باياشات ئۆتمەكتە. لېكىن، ئۇ ئۆزى بېيىغاندا جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ھېچقاچان ئېسىدىن چىقىرىپ قويغىنى يوق. ئۇنىڭ ئىزچىل گېزىت كۆرىدىغان ئادىتى بولۇپ، گېزىتتىكى ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلىك ئىشلار ئۇنىڭغا ئاستا- ئاستا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ خىل كۈچنىڭ تەسىرىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.ئاينۇر نۇربېك مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىرقىدەك بەختىيار، باياشات ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتىم. مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت بولغاچقا كەشتىچىلىك جەمئىيىتىمنى راۋاجلاندۇرۇشۇم ئوڭۇشلۇق بولۇپ بارغانسېرى كۆلەملەشتى. شۇڭا، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق جامائەت پاراۋانلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەيمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى