قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىق ئائىلىلىرى باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەردىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ

2018-06-08 18:25:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىق ئائىلىلىرى باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەردىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. دۆلەت زېمىن- بايلىقى مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.  
دۆلەت زېمىن- بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭىدىن تۈزگەن «مەملىكەت بويىچە يەرلەرنى تۈرگە ئايرىش» ۋە «باقمىچىلىق كۆلىمىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش» بەلگىلىمىسىدە: باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرگە تەۋە بولۇپ، بۇ يەرگە سېلىنغان باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەر يەر ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تەۋە بولمىغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ، ئاساسىي ئېتىزلىقتىن سىرت تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەپ باقمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا قايتا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ياكى ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدىغان يەر بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ بېرىلمەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
يەر ھۆددىگەرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئالىدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، پەقەت تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تېرىقچىلىق قىلىش قاتلىمى، تېرىقچىلىق قىلىش شارائىتىنى بۇزىۋەتمىسىلا، يەر ھۆددىگەرلىرى تېرىلغۇ يەرلەرنى باقمىچىلىق كەسپى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بېرىشنى ئۆز ئالىدىغا قارار قىلسا بولىدۇ.
دۆلەت زېمىن- بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭىدىن تۈزگەن «مەملىكەت بويىچە يەرلەرنى تۈرگە ئايرىش» ۋە «باقمىچىلىق كۆلىمىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش» بەلگىلىمىسىدە: باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرگە تەۋە بولۇپ، بۇ يەرگە سېلىنغان باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەر يەر ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تەۋە بولمىغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.
يېقىندا دۆلەت زېمىن- بايلىقى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «كۆلەملەشكەن چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلىدىغان يەر سىياسىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چۈشۈرۈپ، جايلاردىن يەرلەرنى رەتلەش ۋە يېڭى يېزا بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا كۆلەملەشكەن چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئىشلىتىلىدىغان يەر بوشلۇقىنى قالدۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
ھەر قانداق يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى يېزا بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ياكى مۇھىتنى تۈزەشنى باھانە قىلىپ كۆلەملەشكەن چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى توسۇشى ياكى چەكلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
مەزكۇر يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، دېھقانلار ۋە چارۋىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا- بازارلارنىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە، كۆلەملەشكەن چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىغا ئېھتىياجلىق بولغان يەرلەرنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر قاتارىدا باشقۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان يەر قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىشىگە بولمايدۇ. باشقا كارخانىلار ياكى شەخسلەر باشقۇرغان مەزكۇر يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، دېھقانلار ۋە چارۋىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى كۆلەملەشكەن چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىغا ئېھتىياجلىق بولغان يەرلەرنى بىرلىكتە باشقۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويسا بولىدۇ.
چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى قوتان، كاتەك قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە كۆكەرتىشنى ئايرىش بەلبېغى يەرلىرى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر بويىچە باشقۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرى بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؛ باشقۇرۇش ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي، يۇقۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش، كونترول قىلىش ئەسلىھەلىرى، يەم- خەشەك. ئوت- چۆپ ساقلاش ئۆيى، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەر مەڭگۈلۈك قۇرۇلۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر يېزا كوللېكتىپ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر بويىچە باشقۇرۇلۇپ، قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىدۇ.         
ئەلۋەتتە، باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرىمەن دەپلا قۇرغىلى بولمايدۇ، مۇھىت باھالاش لايىھەسى تەلەپكە يەتمىسە يەنىلا قۇرماسلىق كېرەك. قۇرۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، چوقۇم «ھايۋانات يۇقۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش شەرتى لاياقەتنامىسى» بولۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىسا باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۇش بىكار بولىدۇ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىلى بولمايدۇ.
«مەملىكەت بويىچە يەرلەرنى تۈرگە ئايرىش» داۋامىدا، باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرگە تەۋە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرگە باقمىچىلىق مەيدانى قۇرغاندا، يەرلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. شۇڭا، بۇ يىلدىن باشلاپ، باقمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇش يەنە چوقۇم تۆۋەندىكى بىر نەچچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېۋەك:
  1 -، تېرىقچىلىق شارائىتى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تېرىقچىلىق قىلىش قاتلىمىنى بۇزىۋەتمەسلىك لازىم.
  2-، ئېتىزلىقتىكى مۇھاپىزەت رايونىدا قۇرۇلۇش قىلماسلىق، پەقەت غەيرى مۇھاپىزەت ئېتىزلىقىدىلا قۇرۇلۇش قىلىش كېرەك.
  3-، باقمىچىلىق قىلىش چەكلەنگەن رايوندا باقمىچىلىق مەيدانى قۇرماسلىق يەنى دەريا ئېقىنلىرىغا، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى ۋە كەنتلەرگە يىراق بولغان جايغا قۇرۇش لازىم.
  4-، چوقۇم مۇھىتنى باھالاش لايىھەسى تەلىپىگە يەتكەن بولۇشى، «ھايۋانات يۇقۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش شەرتى لاياقەتنامىسى» ئالغان بولۇشى كېرەك.      ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىق كەسپىدە ئىلگىرىكىدەك جىددىيچىلىك كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىلتىماس مۇۋاپىق بولسىلا، ئانچە قىيىن ئەمەس. پەقەت، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولسىلا باقمىچىلىق كەسپىنى نورمال تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى