قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018-06-08 18:21:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 6- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 6- كۈنى خەلق سارىيىدا قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ ژېنبېكوۋنىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يەنە بىر چوڭ ئىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېڭى تارىخىي پەللىدە، جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە دوستلۇق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچەپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىللە تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت كېسىشىش نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى ۋە تۈرلىرىنى ئورتاق ياخشى پىلانلاپ، ئىقتىساد- سودا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئادىمىيەت ھەمكارلىقى ۋە يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى كۈچەيتىش؛ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە چېگرا ھالقىپ تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستان بىلەن بىللە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام، مۇقىم يولنى بويلاپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ژېنبېكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قىممەتلىك ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. بۈگۈن قىرغىزىستان- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېپيېڭى بىر بەت ئاچتى. قىرغىزىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىلگىرى ۋە ھازىر جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قوشنىسى، ھەمراھى، دوستى بولدى، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. قىرغىزىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇلۇغ تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ئۇنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ جۇڭگونىڭ رەھبەرلىكىدە جەزمەن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»غا بىرلىكتە ئىمزا قويدى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ژېنبېكوۋ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  بۇ، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلەرنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىنىڭ يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى. ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى قارشى ئېلىش مۇراسىمى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، داغدۇغىلىق بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خاۋ مىڭجىن، ۋاڭ يى، جاڭ چىڭلى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى