قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتەيلى

2018-06-11 19:13:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مۇختەر ئىمىن

 پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلىشىدە، ئادەتتىكى بىر ياشتىن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىلدىم، مەن ھەم پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، ھەم پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى، مەن قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە ئۇلارنىڭ قولچوماقچىسى بولغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. مەن كادىرلار، ئاممىنى ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئاشۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئېنىق پەرق ئېتىشكە يېتەكلەيمەن، بۇ كىشىلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان تۇرۇقلۇق، پارتىيە ئىشلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان رەزىل شۇملۇقلارنى قىلىۋاتىدۇ، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەن پارتىيەلىك كادىر، قەتئىي ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇر چۆكۈپ، كەچۈرمىشلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ بايرىقىم روشەن ھالدا مەيدانىمنى، پاكىتنى، قائىدىنى، سىياسەتنى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى سۆزلەش، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتى ۋە قەبىھ نىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىدلەپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، پۈتۈن مېھرىم بىلەن ئاممىغا يېقىنلىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

  بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختا ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە داۋاملىق كۈچەيمەن. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كونكرېت تەلەپ ۋە تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئاساسىي بازىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاممىنى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ساختا نىقابىنى قەتئىي يىرتىپ تاشلاشقا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قېزىپ چىقىشقا ھەم ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىناق، بەختىيار تۇرمۇشنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى