قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كادىرى رۇستەملەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-06-12 19:04:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۈگۈن نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى»دە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم نۇرلانبېك، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى دۆلەت زىمىن- بايلىقى شۆبە ئىدارىسىنىڭ كادىرى رۇستەملەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.

ئابلىكىم نۇرلانبېكنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى بولمايتتى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستۈمگە ئېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، گۈزەل يۇرت- ماكاننى ئورتاق قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

رۇستەمنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دادىل بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، چەتتە قاراپ تۇرىدىغان، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەيدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن. ھەرقانداق ۋاقىتتا، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، راست سۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۆرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى