قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ يۆلەشتە ئۆزگىچە تەدبىر قوللاندى

2018-06-12 19:16:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىر يېقىندا دۆلەت يولى 315- لېنىيەسى بويىدىكى قاراقاش ناھىيەسى تەۋسىدىن ئۈتۈپ كېتىۋېتىپ، ھەممىلا يەردە ئۇچۇسىغا سېرىق رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كەيگەن يول ئاسراش ئىشچىلىرىنى ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يول يۈزىنى، بەزىلىرى يول بويىدىكى ئېرىقلارنى تازىلاۋاتقان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرىنىڭ جىگدەقۇدۇق كەنتىدىن كەلگەن دېھقان ئەخمەتمۇ بار ئىدى.

ئەخمەت مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 40 ياشتىن ئاشتىم، ئۇچامغا بۇنداق سېرىق رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىپ يول ئاسراش ئىشچىسى بولۇشۇمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ھەر ھەپىدە 3 كۈن دەم ئالىمەن، ئىشقا بېرىپ كېلىشتە ئاپىرىپ- ئەكىلىدىغان ئاپتوموبىل بار، بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان. ئىشلىگىنىمگە 9 ئاي بولدى، 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم.

قاراساي بازىرىنىڭ جىگدەقۇدۇق كەنتى قۇملۇق بويىغا جايلاشقان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز شۇنىڭدەك ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قاراقاش ناھىيە قاراساي بازىرىنىڭ جىگدەقۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى فەن لىنۋۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلار ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پاختا يىغىپ ياكى شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ كىرىمىنى ئاشۇراتتى. لېكىن، خىزمەت ئەترىتى كۆپچىلىكنى ھەم مۇقىم كىرىمى بولۇش ھەم بالىلىرىغا قاراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى ئويلاپ تاپتى.

خىزمەت ئەترىتى نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەۋەتىلگەن ئورۇنلارنىڭ مول بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىياسەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇش، يېقىن جايدا، يېقىن ئەتراپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشىغا ياردەم بەردى.

كەنتتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىىن، كەنتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ياشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەت ئەترىتى ئۇلارنى ئاكتىپلىق بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يول يۈرۈش ھەققى يىغىش خادىملىرى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرشكە تىزىملىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى؛ مەدەنىيەت سەۋىيەسى سەل تۆۋەن، لېكىن ساغلام دېھقانلارنى يېقىن جايدا، يېقىن ئەتراپتا يول ئاسراش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىدى، بۇ يىل 26 نامرات ئاھالە ۋاقىتلىق يول ئاسراش خىزمىتى ئىش ئورنىغا چىقتى.

ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى بار، لېكىن ئالاھىدە سەۋەبلىك سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدىغان ئائىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەت ئەترىتى كەنت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر قىسىم دېھقانلارنى كەنتتە ئورمان قوغداش ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولۇشقا تەشكىللىدى، يەنە بىر قىسىم دېھقانلارنى بازاردىكى زاۋۇتتا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتى كەنتتە يەنە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش يەسلىسى قۇرۇپ، ئاياللارنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئۇششاق ئىشلارنى قىلىپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامداشقا سەپەرۋەر قىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش يەسلىسىگە كىرگەن بالا 50 تىن ئاشتى.

يېقىندا، قاراساي بازىرىنىڭ جىگدە قۇدۇق كەنتىگە يەنە بىر خوش خەۋەر يېتىپ كەلدى: خىزمەت ئەترىتى بىر ئۆلچەملەشكەن باقمچىلىق مەيدانى قۇرۇپ بېرىدىغان بولدى. فەن لىنۋۇ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 5 چوڭ تىپتىكى باقمچىلىق مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، تەجرىبە ئۆگىنىپ كەلدى، ئورۇننى تەكشۈرۈپ تاللاش تاماملاندى، خەرىتىسى سىزىلىپ بولدى، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قۇرۇلۇشنى باشلاشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز. بۇ باقمچىلىق مەيدانى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 140 تىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى