قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بېيىش يولىغا ئاتلىنىش»

2018-06-12 19:17:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تيانشان تېغى باغرىدىكى سانجى شەھىرى ئاشىلى قازاق يېزىسىنىڭ نۇرجا كەنتى ئەتراپىدا بىر گۈزەل چارۋىچىلىق مەيدانى بار. ھازىر، بۇ يەر سانجى شەھىرىدىكى سۈت چىقىدىغان مۇھىم جايقا ئايلاندى. كىچىكىدىن تارتىپ بۇ يەردە چوڭ بولغان جاڭ فېڭ ئون يىل ئىچىدە، چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

بۇ يىل 42 ياشق كىرگەن جاڭ فېڭ نۇرجا كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1994- يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشتى. 1997- يىلى ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ، ئاشىلى قازاق يېزىسىدا يەر ھۆددىگە ئېلىپ تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.

ئەينى چاغدا، جاڭ فېڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاكىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، خېلى كۆپ قەرزگە بوغۇلغان ئىدى. مۇشۇنداق قىيىنچىلىق كۈنلەردە، يۇرتداشلار ئاۋۋال يەرنى تېرىپ، كېلەر يىلى قولى پۇل كۆرگەندىن كېيىن ھۆددە ھەققىنى تاپشۇرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى. ئۇ ئادەتتە جاپادىن قورقمايدىغان ئەمگەك سۆيەر، ئىشچان بولۇپ، تېزراق كۆپ پۇل تېپىپ قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن تېرىقچىلىق كۆلىمىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتتى، ھەتتا ئەڭ كۆپ بولغان ۋاقىتتا ھۆددىگە ئالغان يېرى مىڭ مودىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

2009- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۈت بازىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچى، سانجىدىكى سۈتچىلىك كارخانىلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. بۇنى كۆرگەن جاڭ فېڭ ئىنەك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن يېزىدا چوڭ بولغان. شۇڭا، چارۋىچىلارنى ئوبدانلا چۈشىنىمەن، سۈت كالىسى بېقىشنىمۇ بىلىمەن. مېنىڭچە، سۈت كالىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ باقساقلا، چوقۇم سۈپەتلىك سۈت ئىشلەپچىقىرىلايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل.

شۇ يىلى، جاڭ فېڭ يىغقان پۇللىرىنى چىقىرىپ، 11 چارۋىچى بىلەن بىرلىشىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. ئۇ چارۋىچىلار بىلەن بىر- بىرلەپ ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاۋۋال بىر ئاي بېقىپ بېرىپ، بېقىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي توختاملىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

شۇ چاغلاردا، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس- يادى سېغىن كالا بېقىشتا بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ قوتانغا كىرىۋالسا بىر كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تۈجۈپىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى نەتىجىسىدە، بىر ئايدىن كېيىن ھەر بىر تۇياق كالىنىڭ سۈت مىقدارى ئىلگىرىكىدىن بەش كىلوگرام ئاشتى. بۇنى كۆرگەن چارۋىچىلار بەس- بەستە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتى. تۇنجى يىلى چارۋىچىلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر تۇياق كالىدىن ئەنئەنىۋى بېقىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 1 مىڭ 500 يۈەن كۆپ كىرىم قىلدى.

نۆۋەتتە، بۇ كوپىراتىپ تولۇق ئاپتوماتىك سۈت ساغقۇچ ۋە دېزىنفېكسىيەلەش ئۈسكۈنىسى كىرگۈزدى ھەمدە ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى تەكلىپ قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا يەم- خەشەك تەڭشەش تەجرىبىخانىسى تەسىس قىلىپ، ھەر كۈنى يېڭى كالا سۈتىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىنى كۆزەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كوپىراتىپنىڭ سۈتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ سۈپەت گۇۋاھلىقىغا ئېرىشتى ھەمدە ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. نۇرغۇن كارخانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا جاڭ فېڭنىڭ ئىسمى خۇددى بىر خىل سۈپەت كاپالىتىدىن دېرەك بېرەتتى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن جاڭ فېڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى سېغىن كالا، گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىش، مال سويۇش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كۆپ خىل تىجارەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئوت- چۆپ تېرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئورگانىك ئوغۇت قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلدى.

ھازىر، كوپىراتىپنىڭ كۆلىمى سانجى شەھىرى بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. جاڭ فېڭمۇ سانجى شەھىرى بويىچە «بېيىش باشلامچىسى» بولۇپ باھالاندى.

بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى بۇ كوپىراتىپتا ئىشلەيدىغان ئادەم 300 دىن ئاشتى. نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىۋېتىپ، كالا، قويلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئاپىرىپ قاتناشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ قوش كىرىم قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاشىلى يېزىسىدىن 375 ئائىلىلىك چارۋىچىنى جەلپ قىلدى، كوپىراتىپتىكى نەسىللىك قوي 2 مىڭ 800 گە، بوردىلىدىغان قوي 15 مىڭغا، بوردىلىدىغان كالا 1 مىڭ 800 گە يېتىپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى