قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەنەنىۋى بامبۇك توقۇمىچىلىقى

2018-06-12 19:20:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەنەنىۋى بامبۇك توقۇمىچىلىقى ھۈنەر- سەنىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭغا ئەمگەكچان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. بامبۇكتىن توقۇلغان ھۈنەر- سەنەت بۇيۇملىرى ئىنچىكە بامبۇكتىن توقۇلغان ھۈنەر- سەنەت بۇيۇمى ۋە توم بامبۇكتىن توقۇلغان ھۈنەر- سەنەت بۇيۇمى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، بامبۇك توقۇمىچىلىقى ھۈنەر سەنئىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئېرىشكەن ئاشلىق ۋە ئوۋ غەنىمەتلىرىدىن ئازراق ئېشىنسا، كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلار ئۈچۈن ئۇنى ساقلاپ قويۇشقا توغرا كەلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار تاش پالتا، تاش پىچاقلار ئارقىلىق كېسىپ كەلگەن دەرەخ چىۋىقلىرىدىن سىۋەت قاتارلىق بۇيۇملارنى توقۇغان. توقۇش جەريانىدا، بامبۇكنىڭ باشقا دەرەخلەرگە قارىغاندا كىسىشكە، يېرىشقا ئاسان ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلاستىك ۋە چىڭ بولغاچقا، سىۋەت قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇشقا باپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن، بامبۇك ئەينى چاغدىكى سىۋەت قاتارلىق بۇيۇملارنى توقۇشتىكى ئاساسلىق ماتېرىيالغا ئايلانغان.

جۇڭگونىڭ ساپال بۇيۇملىرى يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى بامبۇك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەجدادلىرىمىز سىرتى سېغىز لاي بىلەن سۇۋالغان قاچىنى ئوتتا كۆيدۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئاسانلىقچە سۇ ئاقمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن سۇيۇق جىسىملارنى ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بامبۇكتىن ياسالغان سېۋەتنىڭ سىرتىغا لاي سۇۋاش ئارقىلىق بامبۇك تەگلىك ياساپ، ئوتتا قاقلاپ پىشىۇرۇپ، تۇرمۇش بويۇملىرىنى ياساپ چىققان. كېيىن كىشىلەر بىۋاستە سېغىز لايدىن ھەر خىل ساپال ياساپ، بامبۇك سىۋەتنى ئىشلەتمەيدىغان بولغان. ئەمما، ئۇلار بامبۇكتىن توقۇلغان مەھسۇلاتلاردىكى گىئومىتېرىيەلىك شەكىللەرنى بەك ياقتۇرغاچقا، ساپال بويۇملار يېرىم قۇرىغاندىن كېيىن، سىرتقى يۈزىگە سىۋەت، بورا قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملاردىكى شەكىللەرنى سىزغان.

يىن، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بامبۇك چىۋىقىدىن توقۇلغان بويۇملارنىڭ شەكلى بېيىغان. ساپال يۈزىدە چاسا سىزىق، دولقۇنسىمان سىزىق قاتارلىق سىزىقچىلار پەيدا بولغان. ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە بامبۇكتىن پايدىلىنىش نىسبىتى تېخمۇ كېڭىيىپ، بامبۇك توقۇمىچىلىقى ھۈنەر- سەنئەتكە قاراپ تەرەققىي قىلغان. بامبۇك توقۇمىچىلىقىدىكى نەقىش نۇسخىلىرىنىڭ بىزەك تۈسى ئاشقان، توقۇش ھۈنىرىمۇ كۈندىن- كۈنگە ئىنچىكىلەشكەن.

يېغىلىق دەۋرىدە چۇ بەگلىكىنىڭ توقۇمىچىلىقىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن، بامبۇك بورا، بامبۇك پەردە، بامبۇك ساندۇق، بامبۇك يەلپۈگۈچ، بامبۇك سېۋەت قاتارلىق 100 گە يېقىن مەھسۇلات بار.

چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بامبۇك توقۇمىچىلىقى چۇ دۆلىتىنىڭ توقۇش ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇرغان. 1980- يىلى ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى شىئەندىن قېزىۋالغان «چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى مىس ئات ھارۋىسى» نىڭ ئاستىدا چاسا سىزىقلار بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ چاسا نەقىش ئەينى چاغدىكى بامبۇكتىن توقۇلغان چاسا شەكىلگە ئاساسەن ياسالغان.

 

بامبۇك توقۇمىچىلىق ھۈنەر- سەنئىتى تەگلىكىنى چىقىرىش، توقۇش، پۈتتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىش تەرتىپىگە بۆلۈنىدۇ. فارفور بامبۇك ھۈنەر- سەنئىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بامبۇك ماتېرىيالى قاتتىق تاللاش ئارقىلىق چېڭدۇدىن چىقىدىغان بوغۇمى يوق فارفۇر بامبۇكتىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، بامبۇكنى يېرىش، قاقلاپ رەڭگە كىرگۈزۈش، بوغۇملىرىنى چىقىرىش، قەۋەتكە ئايرىش، رەڭ بېكىتىش، تەكشىلەش، ئىنچىكلەشتۈرۈش، تەڭشەش قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئىش تەرتىپىنىڭ ھەممىسى قولدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنچىكە بامبۇك يىپى چىقىرىلىدۇ. ساپال بامبۇكنى ياساش جەريانى پۈتۈنلەي ئىككى قول ۋە بىر پىچاققا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. فارفور بامبۇكتىن توقۇلغان مەھسۇلاتلار پەقەت بامبۇك ماتېرىيالىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى بىر قەۋەتىدىن ئىشلىنىدىغان بولۇپ، تالالىرى ناھايىتى زىچ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئۇ قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولۇپ، شەكلى ئۆزگەرمەيدۇ، قۇرت چۈشمەيدۇ، سۇغا چىداملىق، يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ.

سېھرىي كۈچكە ئىگە سىرتقى قىياپەتتىن بامبۇك توقۇمىچىلىقى ئۆز ئىچىگە چوڭقۇر مەدەنىيەتنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ: يەنى، ئاسمان بىلەن ئادەم بىرلەشكەن ماددا قارىشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

فارفور بامبۇك بۇيۇملىرى ھۈنەر- سەنىتى ماتېرىيال تاللاشتىن توقۇلۇشقىچە بولغان جەرياندا، ھەر بىر ئىش تەرتىپىدە توغرا بولۇشىغا قارىتا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ. بامبۇكنى يىغىش ۋاقتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى بامبۇكنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى ياكى قۇرتلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بامبۇكنىڭ يېشى بامبۇكنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ يەنە فارفور بامبۇك بويۇملىرى ياساشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە كۆركەملىك دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. فارفور بامبۇك بويۇمىنىڭ قىممىتى بولسا فارفور بامبۇك بويۇمىنى ياسىغۇچىنىڭ سەۋىيەسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. «ئىمتىھان خاتىرىسى» دە: «جاھاننىڭ ۋاقتى، جاينىڭ ئىسمى، ئىشنىڭ ئېپى، تالانتنىڭ گۈزەللىكى بار. مۇشۇ تۆت بىرلەشسە، ئاندىن ھەقىقىي ياخشى بولىدۇ» دەپ يېزىلغان. ساپال بامبۇكتىن توقۇلغان ماتېرىياللارنى تاللاش مەزگىلى، رايون، ئەنەنىۋى بامبۇك توقۇش ھۈنەر- سەنئىتى، ياساش سەۋىيەسى ئەڭ ئاخىرىدا ساپال بامبۇكتىن توقۇلغان ماتېرىيالنىڭ چىرايلىق ھەم نەپىسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئەنەنىۋى بامبۇك توقۇمىچىلىقى گەرچە ئاجايىپ يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ ئەنەنىۋى ياسىمىچىلىق قارىشى بولغان: «ئاسمان بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكى» دە تەكىتلەنگەن ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق، بىرلىككە كەلگەن ئىدىيەسى ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى