قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئەھمىيىتى

2018-06-12 21:52:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەتتە ئاپتوموبىل پرىبور (كۆرسىتىش سائىتى) تاختىسىدا ئايلىنىش سۈرئىتى، سائەتلىك تېزلىكى، ماي سائىتى قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە سۇ تېمپېراتۇرا سائىتىنىمۇ كۆرەلەيمىز. بۇ سۇ تېرمومېتىرىغا نۇرغۇن كىشى دىققەت قىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك سائەتلەرنىڭ بىرى:
كۆپلىگەن شوپۇرلار ئاپتوموبىل سۇ تېمپېراتۇراسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىدىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. ئەگەر سۇ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولسا ماتور ئىچىدىكى گازنىڭ چالا كۆيۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سىلىقلاش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم گاز قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.
ئادەتتە نورمال تېمپېراتۇرا℃ 90 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر بەك يۇقىرىلاپ ياكى بەك تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ھەم يۇقىرىلاش ھەم تۆۋەنلەش-سۈرئىتى بەك تېز بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دېمەك مەسىلە بار دېگەن گەپ.
ئەگەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئېھتىيات قىلىڭ!
1.سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسى
سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى ئېقىپ كېتىشىمۇ سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا شۇ سۇيۇقلۇق ئېقىۋاتقان تۇرۇبىنى رېمونت قىلىش كېرەك، ئەگەر رېمونت قىلىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمىگەن ئەھۋالدا، ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ماركىلىق سوۋۇتۇش سۇيۇقلىقىنى قۇيۇش كېرەك. ئامال بار سۇ قۇيۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ قىش پەسىلىدە شۇنداق، گەرچە كاشىلا پەيدا بولمىغان تەقدىردىمۇ، سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈنىمىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.
2.سوۋۇتۇش شامالدۇرغۇچىدا كۆرۈلىدىغان مەسىلە
ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئۆز ۋاقتىدا توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقىغا ئۇزىتىلىپ بېرىلمىسە، تۇيۇقسىز كەلگەن ئىسسىقلىق توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىىپ، قازان قايناش (يەنى ئالدى ماتور قاپقىقىدىن ئاپپاق تۇمان كۆتۈرىلىدۇ) ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئاپتوموبىل يولدا يۈرىۋاتقان بولسا ئالدى بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك. بۇ شامالدۇرغۇچ مەسىلىسىمۇ ئەمەسمۇ، تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، ئەگەر شۇنداق بولسا، دەل ۋاقتىدا رېمونت قىلىش كېرەك، ئاپپاق تۇمان كۆتۈرۈلگەندە ئاندىن رېمونتخانىغا بارساق بولمايدۇ.
3. ئايلانما سۇ پومپىسىدا كۆرۈلىدىغان مەسىلە
سۇ پومپىسىدا ئەھۋال يۈز بەرگەندە ماتورنىڭ ئەتراپىدىكى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزگۈچتىكى سۇ ئايلىنىشى نورماللىقىنى يوقىتىدۇ. ماتورنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسى كاردىن چىقىپ، دائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان «قازان قايناش» ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالنى چوقۇم بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ھەل قىلىش لازىم. ئادەتتە سۇ پومپىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەندە، ئوققازان ھەم پەنجىرىلىك چاقتا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ، ئوققازاننىڭ بۇزۇلۇش ئېھتىماللىقى چوڭراق بولىدۇ، پەنجىرىلىك چاق بۇزۇلسا ئالماشتۇرۋەتسىلا بولىدۇ.
ئاپتوموبىلنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى ئاپتوموبىلنىڭ ساغلاملىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئوخشاشلا مۇھىملار ئىچىدىكى مۇھىمدۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى