قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2018-06-13 17:54:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:
ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك
لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئىيۇن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، شەھەر- ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ 1- قول رەھبەرلىرى باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بارلىق سەرخىل كۈچنى جەڭگە قاتناشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقى ۋە قارىسىغا ئىش قىلماسلىقى، پاسسىپلىق بىلەن ئىشنى ئاقساتماسلىقى، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، چەكنى يۇقىرىلاتماي، قىزىق نۇقتا ۋە نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر كەنت، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مەخسۇس تۈر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشتەك بىرلەشمە ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن غەلىبە قىلىشقا تېگىشلىك ئۆتكەل جېڭى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىگە دائىر تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەنتلەرگىچە، ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، قاتتىق باھالاپ، تېخىمۇ زور كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەر يىلى بىر يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشكە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشقا، سىرتقى جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، تەدرىجىي بېيىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان- ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بايرىقى روشەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۆتكەل خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەل مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئۆتكەل تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. 

 يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى. 

 گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار يىغىنغا قاتناشتى. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى