قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە دەرس ئاڭلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2018-06-13 19:12:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

تۈنۈگۈن (6.12) چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ تيانشان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق 6 ئالىي مەكتەپ بىرلا ۋاقىتتا «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە دەرس ئاڭلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار دەرستىن كېيىن بەس- بەستە، دەۋر ياشلارغا يۈكلىگەن بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

شىنجاڭ تيانشان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار لېكتورلار ئۆتكەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. دەرس چۈشەندۈرۈشىنىڭ ئاساسى تولۇق، مەزمۇنى چۈشىنىشلىك، بايانى جانلىق ۋە چوڭقۇر بولۇپ، نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك تەسىرات پەيدا قىلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئوقۇغۇچى رۇخسارە غېنى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دەرس مېنى بەك ئىلھاملاندۇردى، دۆلەتنىڭ ئىشى، مىللەتنىڭ ئىشى بىز ياشلارنىڭ ئىشى. بىز بىر ئەۋلاد ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن. بىز چوقۇم سۆز روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىياسىي نەزەرىيە ساپايىمىزنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، 800 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى ۋە ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدىكى لېكسىيەنى بىرلىكتە ئاڭلىدى. ئوقۇغۇچى جوۋ يىكۇن مۇنداق دېدى: ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۆگىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان ياشلاردىن بولۇشىمىز لازىم. غەيرەت بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ياشلىق باھارىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، شىنجاڭ تۆمۈر يول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى 800 ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى لېكسىيە ئاڭلىدى. لېكتورلار ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، جانلىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى ئىدىيە- سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ كې مۇنداق دېدى: لېكسىيە ئارقىلىق ماركسىزمنى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىنىڭ مېڭىسىگە سىڭدۈرۈپ، ئاڭلىق ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، قېنىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىشنى تېخىمۇ پۇختا قىلىپ، كەلگۈسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەيمىز.

شىنجاڭ تۆمۈر يول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ كەي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى لېكسىيە سۆزلەش، دەرس ئۆتۈش پائالىيىتى ئارقىلىق، بىز ماركسنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە شانلىق ئىدىيەسىنى ئەسلەپلا قالماي، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە بولغان چۈشەنچىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياش ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ۋە ئىلھامىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. تۆمۈر يول كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىشكە ئاتلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رېلىسلىق قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى