قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 لياڭ جىلۇ بىلەن بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل يېزىسىدىكى دېھقان ئابلا قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتتى

2018-06-13 19:12:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

بىر قېتىملىق تاساددىپىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى لياڭ جىلۇ بىلەن بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل يېزىسىدىكى دېھقان ئابلا قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتتى. لياڭ جىلۇنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككىيلەننىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا داشۆسى قارمىقىدىكى 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن بورتالا شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى لياڭ جىلۇ يۇرتىغا قايتىدۇ. لياڭ جىلۇ مېڭىشتىن ئىلگىرى ئالاھىتەن ئابلانىڭ ئۆيىگە كېلىپ خوشلاشتى. ئابلا لياڭ جىلۇ ئاكىسىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: قايتىپ كەتسىڭىز كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدىكەن. مېنىڭ ئۆيۈم كەڭرى، بىرگە تۇرساق بولاتتى، سىزدىن راستلا ئايرىلغۇم يوق.

لياڭ جىلۇ مۇنداق دېدى: پات ئارىدا قايتىپ كېتىمەن، لېكىن كۆڭلۈم مۇشۇ يەردە. ۋاقتىڭلار بولسا ئىچكىرى ئۆلكىگە، خۇبېيغا، ۋۇخەنگە بېرىڭلار، سىلەرگە ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرسىتىمەن.

2009- يىلى 10- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە، بورتالا شەھىرىگە مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان لياڭ جىلۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى چىندېل يېزىسىدىكى ئالۋىنباي يېڭى كەنتىدە يولدىن ئېزىپ قېلىپ، ئابلاغا ئۇچراپ قالدى. لياڭ جىلۇ مۇنداق دېدى: ئۇ موتوسىكلىت مىنىپ ئېتىزلىقتىن قايتقان ئىكەن. «مەن ھازىر مەكتەپكە قايتىمىسام بولمايتتى، قانداق ماڭسام بولىدۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ «كۆۋرۈك بەك يىراقتا، كۆۋرۈك تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتسەڭلار، يېرىم كېچە بولۇپ كېتىدۇ» دېدى. شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ بىزنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى، ئۇنىڭ ئايالى بىزگە ئوخشىتىپ پولو ئېتىپ بەردى.

لياڭ جىلۇ بىر ئايدىن كېيىن سوۋغات ئېلىپ ئابلاغا رەھمەت ئېيتىپ كەلدى، ئىككىيلەن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاكا- ئۇكىدەك يېقىن بولۇپ قالدى. ئابلانىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، دادىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بارلىق قوي- كالىلىرىنى سېتىۋەتكەنىدى. دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئابلامۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ئابلا مۇنداق دېدى: 2012- يىلى يۈرەك كېسىلىم قوزغىلىپ، بورتالا ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم، دەسلەپتە خىجىل بولۇپ ئۇنىڭغا دېمىدىم، كېيىن ئۇ ماڭا تېلىفون بېرىپ ئەھۋال سورىغاندا، دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ دەرھال كېلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى.

شۇنىڭدىن كېيىن لياڭ جىلۇ دائىم ئابلاغا تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، قىزىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەملەشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەننىڭ ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. 2012- يىلى يازلىق تەتىلدە، لياڭ جىلۇنىڭ 3 يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشتى، ئابلا، ئاكىسىنى كەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن يۇقىرىغا دوكلات يوللىدى. ئابلا مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ قايتىپ كېتىدىغان ۋاقتى توشاي دەپ قالغاندا، مەن دوكلات يوللاپ، ئۇنىڭ داۋاملىق بۇ يەردە قېلىشىنى ئىلتىماس قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا «سىزگە ئۆي سېلىپ بېرەي، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىللە تۇرمۇش كەچۈرەيلى» دېدىم.

بۇ يەردىكى بالىلار ۋە قېرىنداشلىق مېھرى ئۈچۈن، لياڭ جىلۇ بورتالادا توپ- توغرا 9 يىل تۇرۇپ خىزمەت قىلدى. ئەسلىدە ئۆتكەن يىلىلا پېنسىيەگە چىقىپ يۇرتىغا قايتىش ۋاقتى توشقان لياڭ جىلۇ مۇنداق دېدى: ئابلا مېنى ھەقىقەتەن ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ. بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم، بىز بىر تۇغقان ئاكا- ئۇكىلاردەك يېقىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى