قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېكىن توختاربېكلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-06-13 19:15:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۈگۈن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى) دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغولىن ئوبلاستى «خېشۈنشياڭ» سودا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى باۋلىدەي، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بېكىن توختاربېكلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.

باۋلىدەينىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن بىر كارخانىچى بولۇپ يېتىلدىم. مەن پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى قەتىي تازىلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلار قوشۇنىدا ناچار ئادەملەرنىڭ يوشۇرۇنۇۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدىكى زاتلارنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن. كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چۆرىدەپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى يۆلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

 بېكىن توختاربېكنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئېتىقادىم ئۆزگەرمەسلىك، سىياسىي مەيدانىم ئۆزگەرمەسلىك، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىشماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەن مىللەت- دىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرى. مەن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە چوقۇم قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى بايرىقىم روشەن ھالدا قەتئىي قوغدايمەن. ھەرگىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماي، ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى