قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل ئەينىكىگە چاپلانغان ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلاقنىڭ ئەگەر نۇر ئۆتكۈزۈش نىسبىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتمىسە، يېڭى ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ۋە ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى

2018-06-13 19:18:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

يازدا ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، نۇرغۇن شوپۇر ئاپتوموبىللىرىغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلاق چاپلايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، قاتناش ساقچىلىرى، ئاپتوموبىل ئەينىكىگە چاپلانغان ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلاقنىڭ ئەگەر نۇر ئۆتكۈزۈش نىسبىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتمىسە، يېڭى ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ۋە ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى كازىۋەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىدا، چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى چېن تيەنسەي بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىدى. مۇخبىر ئاپتوموبىلنىڭ دېرىزىسىدىن ئىچىگە قاراپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىنى قەتئىي كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. چېن تيەنسەينىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن- نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالدى تەرەپتىكى ئەينەك ۋە ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈش نىسبىتى %70 تىن ئېشىشى، يان دەرىزە ۋە ئارقا ئەينەكنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى %50 كە يېتىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما، ھازىر تەكشۈرۈلگەن ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى تەرەپتىكى ئەينىكىنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈش نىسبىتى %29.55، يان دەرىزە ۋە ئارقا ئەينەكنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى %18.4 بولۇپ ئۆلچەمگە يەتمىگەن. چېن تيەنسەي مۇنداق دېدى: بىز ئۈسكۈنە، ئەسۋابلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەپ سانلىق قىممىتىگە ئاساسەن، يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلاق دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىرى نەق مەيداندا تۈزىتىپ ياكى ئۆزگەرتىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزسە بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ساقچىسى جاڭ دەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلاق دېرىزە سىرتىدا نۇر قايتۇرۇپ، باشقا شوپۇرلارنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېچىدە ياكى قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايى قاتارلىق كۈن نۇرى يېتەرلىك بولمىغان شارائىتتا، شوپۇرنىڭ كۆرۈش سىزىمىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلىقى لاياقەتسىز بولغان ئاپتوموبىللارنى رويخەتكە ئالدۇرغىلى ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ. ئاپتوموبىلنى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلاق چاپلاپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم. سۈزۈك بولمىغان ماتېرىيال ۋە نۇر قايتۇرۇش ماتېرىيالىنى چاپلاشقا قەتئىي بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يىڭى ئاپتوموبىلغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس چاپلاق چاپلاپ ئاندىن تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى