قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «كونىلار شۇنداق دەيدۇ»

2018-06-13 19:20:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىشىلەر «كونىلار شۇنداق دەيدۇ» دېگەن سۆزنى كۆپ قىلىدۇ. بۇ-- مەلۇم بىر جۈملە سۆزنى نەقىل كەلتۈرىدىغان سۆزلا بولماستىن، «كونىلارنىڭ سۆزى» گە بېرىلگەن ھۆكۈم ۋە باھا. «كونىلارنىڭ سۆزى»-- ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەشكىلىي قىسمى بولۇپ، ئېدىيوم، ماقال- تەمسىل شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، بىلدۈرىدىغان مەنىسىنى خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ «سۆزلۈك لوغىتى» بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە خىسلىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

«كونىلار شۇنداق دەيدۇ» نىڭ كىشىگە ياقىدىغان يىرى-- ئۇنىڭ چىنلىقىدا. «خەن فىيزى» دېگەن ئەسەردە، «كونىلار ئەزەلدىن توغرا سۆزلەيدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ سۆزلەر-- ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە قالغان بولغاچقا، جىنلىق-- ئۇنىڭ جېنى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، كىممۇ يالغان سۆزنى ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات تارقىتىدۇ دەيسىز؟ كۇڭ زى «راست سۆزلەش كېرەك» دېگەن. «سەمىمىيلىك بىلەن راست سۆزلەش-- سۆز قىلىش ۋە ماقالە يېزىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. كونىلار ئېيتقان «ساختا ئالتۇنغا ھەقىقىي ئالتۇن يالىتىلىدۇ؛ ھەقىقىي ئالتۇنغا ھەل بېرىلمەيدۇ» دېگەن سۆزلەر بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.

كونىلار «قانچە كۆپ ئالتۇن- يامبۇ بەرسىمۇ، ئاتا- ئانىنىڭ شەپقىتىنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ» دىگەن. بۇ دۇنيادا ئاتا- ئانىلا بالىلىرىغا بارلىقىنى بىرەلەيدۇ. كونىلار يەنە شۇنداق دەيدۇكى، «ئۆيدىن ئايرىلماي يېتىۋالغان ياشلار داشقال؛ ئۆيدىن ئايرىلماي يېتىۋالغان چوڭلار گۆھەر». ئاڭلىماققا بۇ سۆزلەر-- كىشىلىك ھاياتنى بايان قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ سۆزلەردە كىشىلىك ھايات پەلسەپەسى بايان قىلىنغان. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان «كونىلارنىڭ سۆزلىرى» دىن يەنە «بالىلىقتا ئۆگەنگەن، تاشقا مۆھۈر باسقاندەك؛ قېرىلىقتا ئۆگەنگەن، قۇمغا خەت يازغاندەك» دېگەنلەر بار. «كونىلارنىڭ سۆزلىرى»-- سىناقلاردىن ئۆتكەن چىن ھەقىقەت.

«كونىلار شۇنداق دەيدۇ» نىڭ كىشىگە ياقىدىغان يىرى-- ئۇنىڭ سەمىمىلىكىدە. سەمىمىلىك-- ئادەم قەلبىنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە-- سەمىمى بولماسلىق. كونىلار «ئاغزىدا كۈلكە- چاقچاق، قوينىدا پالتا- پىچاق» دىگەن. بۇنىڭدىن، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن بارلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. خىيانەتچى ئەمەلدارلار بىلەن يامان نىيەتلىك كىشىلەرمۇ سەمىمىلىكنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ.

«كونىلارنىڭ سۆزلىرى» دىكى سەمىمىلىك-- ئۇنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. «كونىلارنىڭ سۆزلىرى»-- ئىنسانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا يىغىلغان «ئالتۇن» دەك بايلىق. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، «كونىلارنىڭ سۆزلىرى» ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ياخشىلىققا باشلاپ كەلدى. «تاماق يېگەندە ئاۋۋال شورپا ئىچىڭ، قېرىغاندا ساغلام بولىسىز»، «ئۆيدە بىر ياخشى كېلىن بولسا، ئۈچ ئەۋلاد ياخشى بالا تەربىيەلىنىپ چىقىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.

«كونىلارنىڭ سۆزلىرى» نى-- ئاۋام خەلقنىڭ قەلب سۆزلىرى دىيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا، كىشىلىك ھايات پەلسەپەسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. «كونىلارنىڭ سۆزلىرى» نىڭ ئىچكى مەزمۇنى-- كىشىلەرنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ. تارىختىن بۇيان، «كونىلارنىڭ سۆزلىرى»-- ئادەم تەربىيەلەش، ياخشىلىققا ئۈندەش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھايات تەجرىبىلىرىدىن كەلگەن.

«كونىلار شۇنداق دەيدۇ» نىڭ كىشىگە ياقىدىغان يىرى-- ئۇنىڭ گۈزەللىكىدە. كونىلار شۇنداق دەيدۇكى، «چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس سۆيگەن چىرايلىق». بۇ-- تىپىك مىسال. چېرىنسۋسكى ئۆزىنىڭ «تۇرمۇش ۋە ئىستىتىكا» دېگەن ئەسىرىدە، «گۈزەللىك-- تۇرمۇشتىن كېلىدۇ» دەپ ئېيتقان. تۇرمۇشنى تولۇق مەزمۇنى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان «كونىلارنىڭ سۆزلىرى»-- گۈزەللىكنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كونىلارنىڭ بارلىق سۆزلىرىدىكى سېلىشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى شېئىر مىسرالىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىگە گۈزەللىك مەنالىرىنى ئاتا قىلىدۇ.

«كونىلارنىڭ سۆزلىرى» دە كۆڭۈل بۆلۈنگىنى-- ئانا زىمىن ۋە خەلق بولۇپ، تۇرمۇش ۋە قەلبتىن ئۆرنەك ئالغان. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۇ خۇددىي ھاۋا ۋە تۇپراققا ئوخشاش، ئۆز قىممىتى ۋە تۆھپىسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئانچە بەك دىققىتىنى قوزغاپ كەتمىدى. بىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن بۇ سۆزلەرنى خەلق ئارىسىغا قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىشىمىز لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى