قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرپان بىلەن مېۋىچىلىك كارخانىلىرى 4 مىڭ 800 توننا قوغۇن سېتىۋېلىش- سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2018-06-13 19:23:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇرپان قوغۇنىنى تونۇشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، خۇنەن «لۈيې» گۇرۇھى، خۇنەن «بۇبۇگاۋ» گۇرۇھى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ تۇرپان شۆبە شىركىتى قاتارلىق 10 كارخانا تۇرپان بىلەن 4 مىڭ 800 توننا قوغۇن سېتىۋېلىش- سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

بۇ 4 مىڭ 800 توننا تۇرپان قوغۇنى پات ئارىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارغا سېلىنىپ، خۇنەن، جېجياڭ، گۇاڭجۇ، شېنجىن قاتارلىق جايلاردىكى ئىسېتمالچىلارغا سۇنۇلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل تۇرپان شەھىرىنىڭ قوغۇن تېرىلغۇ كۆلىمى 125 مىڭ 100 موغا، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 250 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

نۆۋەتتە، ئېتىزلىق قوغۇنى ئومۇميۈزلۈك پىشىپ بازارغا سېلىندى. تۇرپان شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىلىرى ۋە يەرلىك دېھقانلار ئۈچۈن قوغۇن سېتىۋېلىش- سېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تۇرپان قوغۇنىنىڭ سېتىش يوللىرىنى داۋاملىق كەڭ ئېچىش ئۈچۈن، خۇنەن «لۈيې» گۇرۇھى، خۇنەن «بۇبۇگاۋ» گۇرۇھى قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار ۋە تۇرپاندىكى يەرلىك يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئىدىقۇت رايونىدىكى چاتقال يېزىسى، ئاستانە يېزىسى، قاراغۇجا يېزىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بېرىپ، قوغۇن ئەھۋالىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، نەق مەيداندا قوغۇن سېتىۋېلىش- سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

تۇرپان قوغۇنى شەكلى، رەڭگىنىڭ چىرايلىقلىقى ۋە تەمىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن ھەر قايسى چوڭ كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. خۇنەن «لۈيې» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى فېڭ جۈن مۇنداق دېدى: ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىز شىجۇ ھەسىلى 17-، 27- نومۇر قاتارلىق سورتلۇق قوغۇننىڭ تەمىنىڭ تاتلىق، چۈرۈك ھەم يىيىشلىك ئىكەنلىكى، خۇنەن ئىسېتمالچىللىرىنىڭ ئىسېتمال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. شۇڭا، دەسلەپكى قەدەمدە 200 توننا قوغۇن سېتىۋېلىشنى پىلانلىدۇق، ئەگەر بازار ياخشى بولسا، كېينچە يەنە كۆپلەپ سېتىۋالىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى