قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«تولۇقلىما مۇكاپاتلاش مېخانىزمى-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يايلاقلىرىنى تېخىمۇ يېشىللاشتۇرۇپ، چارۋىچىلارنى تېخىمۇ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى»

2018-06-13 19:25:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«ئارزۇيىڭىزدىكى يايلاق» دەپ ئاتىلىدىغان خېجىڭ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېرىقچىلىقتىن بوشىغان يەرلەرنى يايلاققا قايتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى ياخىشلاشقا كۈچەپ، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش، يايلاقلارنى قاشالاپ چاراۋا مال بېقىشنى چەكلەش، يايلاققا ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما مۇكاپاتى بېرىش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خېجىڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يايلاقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

▲ خېجىڭ ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرىنىشى دىيىشكە بولىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز«سۈزۈك سۇ، يشىل تاغ ئەڭ زور بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خۇددى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا خۇددى ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۈت بولۇپ تۈرۈشتەك گۈزەل مەنزىرە ئارقا- ئارقىدىن بارلىىققا كەلدى.

▲ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى يايلاق باشقارمىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011- يىلىدىن باشلاپ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەبىئىي يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. بولۇپمۇ 2016- يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىپ مۇكاپاتلاش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىپ، يايلاقتا چارۋا مال بېقىشنى چەكلەشكە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى ھەر موسىغا 5 يۈەن بېرىشتىن 6 يۈەن بېرىشكە، ئوت- چۆپ بىلەن چارۋا مالنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تولۇقلىما بېرىپ مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى ھەر موسىغا 1 يۈەن 5 مو بېرىشتىن 2 يۈەن 5 مو بېرىشكە ئۆستۈرگەن، سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىنىڭ كۆلىمىنى ئەسلىدىكى 1 مىليون 500 مىڭ مودىن 5 مىليون 100 موغا كۆپەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان چارۋامال بېقىش چەكلەنگەن يايلاق كۆلىمى 150 مىليون 100 مىڭ موغا، ئوت- چۆپ بىلەن چارۋا مالنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كۆلىمى 540 مىليون 900 مىڭ موغا يەتكەن.

▲ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى يايلاق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ لىڭ مۇنداق دېدى: يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يايلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ چېكىنىپ كېتىش ئەھۋالى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىندى. ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى پەيدىنپەي ئەسلىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەبىئىي يايلاقتا ئوت- چۆپنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى ھەم مۇقىم بولۇپ، ئۇنىۋېرسال يېپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاپلاش دەرىجىسى، ئۇنىۋېرسال يېپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زىچلىقى ئايرىم ھالدا 41.48 پىرسەنت ۋە 27.9 سانتىمېتىرغا يېتىپ، يېقىنقى 5 يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئايرىم ھالدا 1.71 پوئېنت ۋە 2.42 سانتىمېتىر كۆپەيدى.

▲ بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەبىئىي ئوتلاقتىكى چارۋا مال بېقىش چەكلەنگەن رايوندىكى ئوت- چۆپ مىقدارى 2010- يىلىدىكىدىن 32.66 پىرسەنت ئاشتى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەبىئىي ئوتلاقتىكى ئوت- چۆپ بىلەن چارۋا مالنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئوت- چۆپ مىقدارى 2010-يىلىدىكىدىن 26.53 پىرسەنت ئاشتى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەبىئىي ئوتلاقتا چەكتىن ئاشۇرۇپ چارۋا مال بېقىش نىسبىتى 2010- يىلىدىكى 33 پىرسەنتتىن ھازىرقى 8.7 پىرسەنتكە چۈشتى.

▲ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «سۈزۈك سۇ، يشىل تاغ ئەڭ زور بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى چوقۇم مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىتنى قوغداشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا خۇددى ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىزلىق، كۆل، ئوت- چۆپ سسىتېمىسنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

▲ بۇ يىل، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزغا چۈشۈرۈپ بەرگەن 2 مىليارد 477 مىليون يۈەن يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش مۇكاپات مەبلىغى مۇدەتتىن بۇرۇن ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) لەرگە ئاجرىتىپ بېرىلىپ، ئوت- چۆپ بىلەن چارۋا مالنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان چارۋىچىلارغا يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش مۇكاپات مەبلىغى قىلىپ بېرىلىدىغان بولدى.

▲ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى يايلاق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ لىڭ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ تولۇقلىما مۇكاپاتى بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 691 مىليون موغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، چارۋامال بېقىش چەكلەنگەن يايلاق كۆلىمى 150 مىليون موغا، يولغا قويۇلغان ئوت- چۆپ بىلەن چارۋا مالنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش كۆلىمى 540 مىليون موغا يەتتى.

▲ 2016- يىلىدىن باشلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تارقىتىلغان يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش مۇكاپات سوممىسى 7 مىليارد 430 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 300 مىڭ ئەتراپىدىكى دېھقان، چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر يىلى ئائىلە بېشىغا ئاشقان كىرىم 8 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى