قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېچى مايلىق كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

2018-06-13 19:31:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

(1) مۇۋاپىق چاچ سوپۇنى تاللاش:

چېچى مايلىق كىشىلەر چېچىنى پات-پات يۇيۇپ تۇرمىسا بولمايدۇ. ئەمما، بەزىلەر چېچىنى قانچە كۆپ يۇغانسېرى شۇنچە تېز مايلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق چاچ سوپۇنى تاللاشقا دىققەت قىلىش، ئەڭ ياخشىسى ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل چاچنى پارقىرىتىپ، سىلىقلايدىغان چاچ سوپۇنلىرىغا سىلوكسان قوشۇلغان بولۇپ، چاچ ۋە باش تېرىسىدە قېپقالغان قالدۇقلىرى تېخىمۇ ماي ئۆرلىتىپ، چاچ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، مايلىق چاچلارغا ئەڭ ياخشىسى سىلىتسىيسىز چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرى ئادەتتە سۇيۇقراق ھەم سۈزۈكرەك كېلىدۇ، باشنى يۇسا، باش تېرىسى ناھايىتى قۇرغاق ھەم پاكىز بولىدۇ، بىرنەچچە كۈنگىچە ماي ئۆرلىمەيدۇ.

(2) مۇۋاپىق چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى تاللاش:

كۆپ قىسىم چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە سىلىتسىي بولىدۇ، ئەگەر چوقۇم بۇ خىل چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، باش تېرىسىگە تەگكۈزمەسلىك ھەم چاچنى پاكىز چايقاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئورنىدا ئاق ئاچچىقسۇ ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا چاچنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ھەم تەبىئىي ساغلام بولىدۇ.

(3) چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش:

مايلىق چاچلاردا ئاسانلا ماي تەپچىرەش خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدا بىر قىسىم جۇڭگو تېبابەت دورىسى تۈرىدىكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۆتىدىل چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە ئىچىدىن تەڭشەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە، قارا كۈنجۈت ۋە ياڭاق تالقانلىرىنى كۆپرەك يېسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، چاچنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

(4) ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش:

مېۋە- چىۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق ۋىتامىن ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلمېنتلارنى تولۇقلاش، بەك تويۇنۇپ غىزالانماسلىق، قورۇلغان، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

(5) ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، كۈندە مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى