قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يازدا ئورۇقلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەرىكەتلەر

2018-06-13 19:31:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاۋا كۈندىن- كۈنگە ئىسسىشقا باشلىدى، ئىسسىق مۇھىتتا ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشمۇ تېزلىشىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقا، ياز پەسلى ئورۇقلاشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق پەسىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، قايسى ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا بەدەندىكى ماينى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ؟ ياز پەسلىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئورۇقلاش ھەرىكەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئارغامچا سەكرەش:

ئارغامچا سەكرەش جىق ۋاقىت سەرپ قىلمايدىغان، ئورۇقلاش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ھەرىكەت، 10 مىنۇت ئارغامچا سەكرەش 30 مىنۇت ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر. پەقەت ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىر تال ئارغامچا، تەنتەربىيە ئايىغى تەييارلىسىڭىزلا، ھەرقانداق جايدا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئارغامچا سەكرەپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.

توغرا بولغان ئارغامچا سەكرەش ئۇسۇلى: سەكرىگەن ۋاقىتتا ئىككى پۇتنىڭ تولۇق ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتىش كېرەك، ئىككى پۇتىنى بەك ئېگىز كۆتۈرۈۋالماسلىق، پەقەت ئارغامچا ئۆتۈشكە ئىمكانىيەت بولسىلا مۇۋاپىق، ئىككى قولنى بەك كۈچەپ ئايلاندۇرماسلىق، ھەر قېتىم ئارغامچا سەكرەش ۋاقتى 15 مىنۇت بولۇش، پۈتۈن ئارغامچا سەكرەشنى بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ تاماملاش، بۆلەك سانى ۋە ئارغامچا سەكرەش ۋاقتىنى ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىغا قاراپ بېكىتىش لازىم.

سۇ ئۈزۈش:

ياز ۋاقتىدا سۇ ئۈزۈش ئىنتايىن ئالقىشلىنىدىغان ھەرىكەت، سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپما قالماستىن تېخى ئۈنۈملۈك ھالدا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. سۈ ئۈزۈشنىڭ ئەركىن سۇ ئۈزۈش، پاقىچە سۇ ئۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللىرى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى ئېنىرگىيەنى خورىتىدىغان سۇ ئۈزۈش ھەرىكەتلىرى، سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق بەدەن شەكلىنى تۈزەپلا قالماستىن ئۆپكىنىڭ سېغىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەر قېتىملىق سۇ ئۈزۈش ۋاقتى 60~40 مىنۇتقىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇ مىقداردىكى چېنىقىش ئۈنۈملۈك بەدەن چېنىقتۇرۇش بولۇپلا قالماستىن ئادەمنى ھاردۇرۇپ قويمايدۇ.

ئورنىدا تۇرۇپ ئېگىزگە سەكرەش:

دائىم سەكرەيدىغان كىشىلەر ئېگىزگە سەكرەشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەكرەش ئارقىلىق بەدەندىكى مايلارنى ئازايتىپلا قالماستىن بەدەننى ئىسسىتىش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. ئېگىزگە سەكرەش ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت ۋە ئوكسىگىنسىز ھەرىكەتنىڭ بىرىكمىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەرىكەت ئورۇن تەلەپ قىلمايدۇ، ھويلىدا، مېھمانخانىدا ھەر قانداق جايدا سەكرەشكە بولىدۇ.

توغرا بولغان سەكرەش ئۇسۇلى: تەبىئىي ئۆرە تۇرۇش، ئىككى قولنى ئىككى تەرەپكە سېلىپ تەبىئىي تۇرۇش، سەكرىگەن ۋاقىتتا ئىككى قولنى بېشىدىن ئاشۇرۇپ چاۋاك چېلىش، چاۋاك چېلىپ بولغاندىن كېيىن قولنى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتۇرۇپ ئۆرە تۇرۇش، بۇ ھەرىكەتنى ھەر بىر مىنۇتتا بىر قېتىم قىلىش، جەمئىي 10 گۇرۇپپا قىلىش، 10 گۇرۇپپا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئارام ئېلىش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى