قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توڭلىڭ بازىرى

2018-06-13 13:26:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل 4- ئايدا سۇجۇدىن قەدىمىي بازار توڭلىغا بارىدىغان 4- نومۇرلۇق مېترودا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، توڭلى بازىرى قىزىپ كەتتى. توڭلى بازىرى جىياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھەرىنىڭ ۋۇجىياڭ رايونىغا جايلاشقان، سۇجۇ شەھەرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، شاڭخەي بولغان بولغان ئارىلىقى 80 كىلومىتېر كېلىدۇ. توڭلى بازىرى چاڭجاينىڭ جەنۇبىدىكى ئالتە چوڭ سۇ يۇرتىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆلىمى 33 گىكتار كىلىدۇ، ئەتراپىنى بەش چوڭ كۆل ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ كۆللەر 49 كۆۋرۈك ئارقىلىق بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان، تورسىمان دەريا ئېقىنى پۈتۈن بازارنى يەتتە ئارالغا بۆلىۋەتكەن. بۈگۈنكى «جۇڭگوغا نەزەر» سەھىپىمىزدە، بىز توڭلىڭ بازىرىغا بېرىپ، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىمىز.
توڭلى بازىرى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. قەدىمى بازاردىكى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئۆيى سۇ بويىغا سېلىنغان، ھەممە ئائىلىلەرگە كېمە تۇتاشقان بولۇپ، سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ دەۋىرلىرىدىكى كۆۋرۈكلەر مۇكەممەل ساقلىنىپ تۇرماقتا. «ساپ سۇ ماكانى، كونا زاماندىكى چاڭجاينىڭ جەنۇبى» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق. توڭلى دېگەن بۇ ئىسىم ئەستە تۇتۇشقا ئاسان ھەم يېقىملىق. ئۇنىڭ ئىسمى ئەسلىدە «فۇتۇ» بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ ئىسىم بەك باياشادلىقنى بىلدۈرۈپ كەتكەچكە، كېيىن توڭلى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ئىسىم ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ يىللىرىدىكى «تۇڭلى تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، سۇڭ، يۈەن، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، تۇڭلى ۋۇجۇڭدىكى مۇھىم بازار بولۇپ قالغان. ئۇ سىرتقى دۇنيا بىلەن سۇ يولى ئارقىلىقلا ئالاقە قىلغاچقا، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاز ئۇچرىغان. 1 مىڭ 500 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش ئانچە چوڭ ئەمەس. ئۇ ئىزچىل تۈردە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانى، غايىۋى گۈزەل ماكانغا ئوخشايدۇ.
1 مىڭ 500 نەچچە يىللىق مەدەنىيەت تارىخى چاڭجاينىڭ جەنۇبىدا قويۇق مەدەنىيەت تۈسىنى ھاسىل قىلغان. توڭلى بازىرىدا، سۇڭ سۇلالىسى چۇنيۇنىڭ 4- يىلىدىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئەليۇلئەلادىن بىر كىشى، تەشرىپداردىن 42 كىشى، مۈلكى، ھەربىي ئەمەلداردىن 90 نەچچىسى چىققان.

توڭلى 1980- يىلى دۆلەت تەيخۇ كۆلى مەنزىرە نۇقتىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، 1982- يىلى يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى؛ 1992- يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بازىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى «تۈيسىيۈەن» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 2010- يىلى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەتلىك A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى. «سۇ يۇرتىدا كىچىك كۆۋرۈك كۆپ، كىشىلەر دەريانى ياستۇق قىلىپ ياتىدۇ». ۋۇجياڭنىڭ توڭلى قەدىمىي بازىرىدا 80 نەچچە قەدىمىي ھويلا، 80 نەچچە ئىبادەتخانا بار. ئۇنىڭ ئىچىدە، تارىخى مەدەنىيەت قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىمارەت-- شېئىرىي تۇيغۇغا تولغان، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى تۈيسىيۈەن.
تۈيسىيۈەننىڭ ئەسلى ئىگىسى رېن لەنشېڭ رېن چۈەنشىننىڭ دادىسى. ئۇ چىڭ ئوردىسىدا 3- دەرىجىلىك ۋاكالەتچى مۇپەتتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، تۈيسىيۈەننى قۇرغان. رېن لەنشېڭ ئىنتايىن ئەنئەنىۋى بولغان جۇڭگو ئۆلىمالار تەبىقىسى كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى بېسىپ ئۆتكەن. يەنى: يەرلىكتىن كېلىپ چىققان، باي ھەم قابىلىيەتلىك، نەچچە ئەۋلادنىڭ ھەممىسى تىرىشچان مەنسەپدارلاردىن بولۇپ، جەمەتىگە شان- شەرەپ كەلتۈرگەن، كېيىن گەرچە مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، «خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ، ئەسلىگە قايتىش» نى خىيال قىلىپ كەلگەن.
ئەگەر توڭلىنى بىر قەدىمىي قۇرۇلۇش مۇزېيى دېسەك، ئۇنداقتا چوڭبېنتاڭ ھويلىسى بۇ مۇزېيدىكى نەپىس سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ كۆلىمى گەرچە بىر موغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ناھايىتى ئىخچام ۋە نەپىس. چوڭ زالنىڭ ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ياغاچ ئويما بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ، كۆرۈنۈشى ئاددىي ھەم ئىخچام، بەدىئىي تۈزۈلۈشى جانلىق، يۇمىلاق شەكىلدە ئويۇلغان.
توڭلىغا بارغاندا، ئۈچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۈچ كۆۋرۈك دېگەندە: تەيپىڭچياۋ كۆۋرۈكى، جىلى كۆۋرۈكى ۋە چاڭچىڭ كۆۋرۈكى قاتارلىق ئۈچ كۆۋرۈك كۆزدە تۇتۇلغان. ئۈچ كۆۋرۈك «پىن» دېگەن خەت شەكلىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۈچ دەريا بىرلەشكەن جايدا. تەبىئىي شەكىللەنگەن ئايلىنىپ يۈرۈش يولى بار. «ئۈچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش» ئادىتىنىڭ قايسى يىللاردا شەكىللەنگەنلىكىنى ئېنىقلاش تەس، لېكىن ئۈچ كۆۋرۈك توڭلىلىقلارنىڭ كۆڭلىدە، ئامەت ۋە بەختكە سىمۇۋۇل قىلىنغان. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، «ئۈچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش» قا يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى:
تەيپىڭچىياۋدىن ئۆتكەندە، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساغلام بولۇر.
جىلىچىياۋدىن ئۆتكەندە، سودا روناق تېپىپ، كۈندىن كۈنگە يۇقىرى ئۆرلەر.
چاڭچىڭچىياۋدىن ئۆتكەندە، ياشلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، قېرىماي تۇرار.
ياشلار يەنە چۈەنشىننوڭ كوچىسىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. چۈەنشىننوڭ كوچىسى تارلىقىدىن پەقەت بىرلا ئادەم ماڭالايدىغان كوچا بولۇپ، گۇ چاڭۋېينىڭ «توڭلىغا مۇھەببەت» ناملىق تەشۋىقات فىلىمىدە ئەر- ئايال باش پېرسوناژ مانا مۇشۇ كوچىدا ئۇچراشقان......
لو شىڭجوۋ-- بازارنىڭ شەرقىدىكى كۆلنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى بىر كىچىك ئارال. ئۇ، تەخمىنەن تۆت كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كۆل يۈزىدىكى تۇمانلىق مەنزىرىسى بىلەن داڭلىق. لوشىڭجوۋ ئارىلىغا بېرىش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. يول بويى كۆل يۈزىدىكى تۇمان، دولقۇن، بېلىقچىلارنىڭ كېمىلىرىدىكى يەلكەنلەردىن چاقناپ تۇرغان سۇ ماكانىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. يىراققا نەزەر سالغاندا، كۆز ئالدىمىزدىكى تۇمان مەنزىرىسى بىلەن داڭلىق لوشىڭجۇ ئىبادەتخانىسى بولسا خۇددى زۇمرەت كۆل ئۈستىدە تۇرغاندەك خىيالى مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. لوشىڭجۇدا قۇرۇلۇش زىچ بولۇپ، ئىبادەتخانىلار، باغ- ئورمانلار كۆپ. ھەر قېتىم كۈن پېتىشقا باشلىغاندا، ئارالدىن توڭلى كۆلىگە نەزەر سالغاندا، ھەممە يەردە پانۇسلار چاقناپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
مىڭچىڭ كوچىسى قەدىمىي بازاردىكى مۇھىم سودا كوچىسىنىڭ بىرى. «مىڭچىڭ كوچىسى» 1996- يىلى ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى 160 مېتىر كىلىدۇ. بۇ كوچىدىكى ئىمارەتلەر مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋردىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى شاڭجې، شىياجېدىن ئىبارەت كوچا شەكلى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مىڭچىڭ كوچىسىغا تاش ياتقۇزۇلغان، ئىككى تەرىپىدىكى ماگىزىنلار ئۆز ئارا تۇتاشقان. كوچىدا نۇرغۇن ئاسار- ئەتىقە دۇكىنى، كەشتىچىلىك دۇكىنى، يىپەك دۇكىنى ۋە ئەنئەنىۋى يېمەك- ئىچمەك، نۇرغۇن ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بار.
توڭلىدا يەنە دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى بار. بۇ باغچىدا كىچىك شەمشاد ئورمىنى، پىپا ئورمىنى، كامفورا دەرىخى، كۆچەتلىك، بېلىق كۆلچىكى قاتارلىقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇ يەردە، يەنە سېرىق يىلانبېلىق قۇشى، ئوقار، ياۋا توشقان قاتارلىق كۆپ خىل ياۋايى ھايۋاناتلار دائىم پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ساپ سەھرا مەنزىرىسى بولۇپ، دالىدا ماڭسا خۇددى ساپ، ھەقىقىي تەبىئەت قوينىغا قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
توڭلىدا داڭلىق يەنە بىر جاي بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مىنسۇ. توڭلى-- نامى مەشھۇر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمىي بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ، ھەر كېچىسى بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن شېرىن چۈشلەر قالىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگو بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان جېڭفۇساۋتاڭ داچىسىدا پەقەت توققۇز ئېغىزلا مېھمانخانا بار. ئەمما، ياتاق ئىچىدىكى ئەسلىھەلەر ئازادە بولۇپ، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلاردىن قىلىشمايدۇ؛ خۇاجىيەنتاڭ قورۇسى ئەسلىدە قىزلار مەكتىپى بولۇپ، كېيىنچە بۇ يەر مەدەنىيەت يۇرتىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ يەردە قۇياش نۇرىغا سىمۋول قىلىنغان سېرىق رەڭ، مەكتەپكە سىمۋول قىلىنغان كۆك رەڭ، مۇھەببەتكە سېمۋول قىلىنغان سۆسۈن رەڭ، سەبىي قىزغا سىمۋول قىلىنغان ئاق رەڭلەر ئارقىلىق بىر قىزنىڭ ساددا، شوخ قىزچاقتىن- ئەدەپ- ئەخلاقلىق، ساھىبجامال ئايال بولۇپ يېتىلىشى جەريانىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
پويىز يولى لېنىيىسى:
1. شاڭخەي ۋوگزالىدىن ياكى خۇڭچياۋ ۋوگزالىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، سۇجۇ ۋوگزالىدىن دۋىگاتېلللىق پويىزغا ئالماشسا يېرىم سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.
2. نەنجىڭدىن يولغا چىقىپ، ئۇدۇل سۇجۇ ۋوگزالىغا بېرىپ، دۋىگاتېلللىق پويىزغا ئالماشسا بىر يېرىم سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.
3. خاڭجۇدىن ئۇدۇل سۇجۇ ۋۇگزالىغا بېرىشقا، تەخمىنەن ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. سۇجۇ ۋوگزالىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ۋوگزالدىن بىۋاستە نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، توڭلىغا بارسىمۇ بولىدۇ. ھەر 20 مىنۇتتا بىر قېتىم ئاپتۇبۇس قاتنايدۇ، بېلەت باھاسى سەككىز يۈەن، مۇساپىسى 40 مىنۇت.
مىڭ يىللىق قەدىمىي بازار، دۇنيانىڭ توڭلىسى. ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق گۈزەل، تاسادىپىي ئۇچرىشىشقا تەييارلىنايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى