قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىتاپ ئوقۇشنىڭ خانىم قىزلارغا بولغان تەسىرى

2018-06-13 18:06:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خانىم-قىزلار ماددىي تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە مەنىۋىي تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. چۈنكى ئادەم ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ شۇ جەرياندا مۇۋاپىق تەپەككۇر قىلىپ تۇرمىغاندا چۈشىنىش، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىمۇ گاللىشىپ قالىدۇ.
ئۆگىنىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دەل كىتاپ كۆرۈشتىن باشلىنىدۇ. بىز ئادەتتە بىلىمنىڭ بىر قىسمىنى ئەمىلىيەتتىن ئالساق، كۆپ قىسمىنى كىتاپتىن ئالىمىز. بىر دانا:«ئادەملەرنى تۈزىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىدا»دېگەن، شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئاياللار كىتاپ ئوقۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئاۋۋال ئانا بولغۇچىلار ئۆزىدىن باشلاپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەر خىل ھۈنەر تېخنىكا، ماھارەتلەرنى ئىگىلەشكە دائىر كىتاپلارنى كۆرۈشى، ھەر بىر كۈنىنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشى، مائارىپ، ھۈنەر- مەدەنىيەت بىلەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ئۆگىنىشى، ئۆزۈكسىز كىتاپ كۆرۈشى لازىم. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشىغا، پەرزەنت تەربىيەسىگە، خانىم-قىزلار گۈزەللىكىگە ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلىيەلەيدۇ، ئاياللىرىمىزدىنمۇ داڭلىق تېخنىك ئۇستىلار، كەشپىياتچىلار، ئىنژىنېر، ئالىملار.... چىقىدۇ.
نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر بالىلىق مەزگىلدىكى تۇرمۇش ۋە مائارىپ سۈپىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئانىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئادىتى پەرزەنتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ ياخشى ئادەتنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
خانىم-قىزلار ياخشى كىتاپلارنى تاللاپ ئوقۇغاندا، مەڭگۈلۈك گۈزەللىككە ئىگە بولالايدۇ. ئۇلار كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدۇ.
كىتاپ ئوقۇيدىغان خانىم-قىزلارنىڭ قەلبىدە غايىسى بار بولىدۇ. تۇرمۇشنىڭ خوشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ئۇلار ھەر ۋاقىت كىتاپ ئارقىلىق تۇرمۇشتىن مول مەنالارنى قېزىپ چىقالايدۇ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۈمىدسىزلىنىپ، غەم- ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە قىيىنچىلىقنى يېڭىشنى بىلىدۇ، يالغۇزلۇقتا غېرىپسىنىشنىڭ ئورنىغا ياخشى بىر پارچە كىتاپنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ يېتەلىگەن بولىدۇ، ئۇلار ھەر ۋاقىت خوشال يۈرەلەيدۇ، چېھرىدىن تەبەسسۈم كەتمەيدۇ، باشقىلارغا گۈزەل- لاتاپەتلىك تۇيغۇ بېرەلەيدۇ.
كىتاپ ئوقۇش خانىم-قىزلارنىڭ قەلبىنى بېيىتىدۇ، كىتاپ ئوقۇيدىغان خانىم-قىزلار ئەقىل-پاراسەتلىك، ئاددىي-ساددا، مۇلايىم، كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولىدۇ، ئۇلاردا مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان گۈزەللىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئاددىي بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىياپىتىدە كىتاپنىڭ تەسىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، يەنىلا شۇنداق روھلۇق بولۇپ، كىشىلەرگە ئادەتتىكىدىن باشقىچە گۈزەل تەسىر بېرىدۇ.
كىتاپ ئوقۇشنىڭ ياش چەكلىمىسى بولمايدۇ، كىتاپ ئوقۇشنى ھازىردىن باشلىسىمۇ كېچىكمەيدۇ، خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش، ئىزدىنىش روھى بولسۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ئىشنى قەيەردىن باشلاش، نىمىنى قىلىشنى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. خانىم-قىزلىرىمىز مەڭگۈ توختىماي ئۆگىنىدىغان، ئۆگەنگەندىن ھوزۇر ئالىدىغان ۋە خوشاللىق تاپالايدىغان مەدەنىيەتلىك، ھەقىقىي گۈزەل خانىم-قىزلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى