قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 خۇبېينىڭ شيەنتاۋدىكى بۇغداي غولى

2018-06-13 19:53:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ قاتار- قاتار بۇغداي غولى يېرىپ كېسىلگەندىن كېيىن، ئوخشاش بىردەك قىلىنىپ قەغەز تاختىغا چاپلىنىپ، نەقىش شەكلىگە ئاساسەن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن داغمال ئارقىلىق رەسىمدىكى ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر ھاسىل قىلىنىپ، ئوچۇق ۋە تۇتۇقلۇق پەرقى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. يازلىق يىغىم مەزگىلىدە، دېھقانلار ئورما ئورۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، خۇبېي ئۆلكىسى شيەنتاۋ شەھىرى سەنفۇتەن بازىرىدا، بۇغداي غولى رەسىمى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ۋارىسى دېڭ يۇپۇ بىلەن دېڭ شياۋجۈن ئاتا- بالا بۇغداي غولى رەسىملىرىنى ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.
▲ بۇغداي غولى رەسىملىرىنىڭ ياسىلىشى ھازىرغا قەدەر نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ تەبىئىي بۇغداي غولىنىڭ تەبىئىي پارقىراقلىقى ۋە ماتېرىيالىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاسمان- زېمىندىكى بوران- چاپقۇن، گۈللەر، قۇشلار، قۇرت- قوڭغۇزلار، بېلىقلار ھەمدە ئادەم مەنزىرىسى قاتارلىق تېمىلارنى ئىجادىيەت مەزمۇنى قىلىدۇ. 70 ياشلىق دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى دېڭ يۇپۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇغداي غولى رەسىمى ياساۋاتقىنىمغا 50 نەچچە يىل بولدى، مېنىڭ ئەجدادلىرىمنىڭ بۇغداي غۇلى رەسىمى ياساۋاتقىنىغا نەچچە يۈز يىل بولدى. بۇغداي غولى رەسىمىنىڭ ئىجاد قىلىنىش جەريانى ئۇزۇن ھەم جاپالىق بولۇپ، ئىجادىيەتچىنىڭ سەۋرچانلىقى، ئىرادىسى ۋە ئېستېتىك ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ سىناق ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتىكى رەسىمگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، رەسىم قەلىمى ئورنىدا داغمال ئىشلىتىمىز. داغمالنى كونترول قىلماق تەس، نەپىس نەقىشلەرنى قايتا- قايتا مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بېغىشنىڭ سالمىقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك، بەك يېنىك ياكى بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، قايتىدىن ياساشقا توغرا كېلىدۇ.»
▲ بۇغداي غولى رەسىملىرى قەغەز قىيما، ياغاچ ئويما، تاختا رەسىم، داغمال رەسىم قاتارلىق سەنئەت ماھارەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇغداي غولى رەسىمىنى ياساشتىن بۇرۇن، دېڭ يۇپىڭ ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىم، ئويمىچىلىقنى ئۆگىنىپ، بۇغداي غولى رەسىملىرى ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغان ۋە كېيىنكى ئىجادىيەت يېڭىلىقلىرىغا لازىملىق «ئوزۇقلۇق» يىغقان.
▲ بىر پارچە بۇغداي غولى رەسىمى تەييارلاش ئۈچۈن بۇغداي ئورۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئاپتاپتا قۇرۇتۇش، چىلاپ قويۇش، ئىسلاش، ئاقلاش، قىرىپ تۈزلەش، چاپلاش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىدۇ، ئاندىن يەنە رەسىم سىزىش، چاپلاپ بېزەشكە ئون كۈندىن يېرىم ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، كەڭ ئەنلىك بۇغداي غولى رەسىمى تەييارلاشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.
▲ جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ داڭلىق ئەسىرىگە ئاساسەن، دېڭ يۇپۇ «سۇ بويىدىكى 108 پالۋان»، «ئەرش ئوردىسىنى مالىمان قىلىش»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىجادىيىتىمنىڭ مەنبەسى، ئىجادىيەتتە ئىشلىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.»
▲ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجاد قىلغان «سۈزۈك دەريا خەرىتىسى» دېڭ يۇپىڭنىڭ مەمنۇن بولغان ئەسىرى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ رەسىم بىردە- بىر نىسبەت بويىچە »نۇسخىلانغان»، ئالدىنقىلارنىڭ بۇغداي غولى رەسىمىنىڭ تەكشى يۈزى كۆپ، رەڭگى بىرلا خىل، بىز مۇشۇ ئاساستا يېڭىلىق ياراتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە بۇغداي غولى رەسىمىنىڭ ئىستېرېئولۇق ئوبرازى، رەڭگى تەدرىجىي ئۆزگىرىۋاتىدۇ.»
▲ دېڭ شياۋجۈن كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىغا ئەگىشىپ، بۇغداي غولى رەسىمىنى سىزىشنى ئۆگەندى، ئۇ «ۋارىسلىق» قىلغان ۋاقىتقا كەلگەندە،بۇغداي غولى رەسىمىنىڭ شۇ جايدىلا داڭقى بارلىقىنى بايقىدى. دېڭ شياۋجۈن بۇغداي غولى رەسىمىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ۋارىسلىق قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇنى چۈشىنىشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار نەچچە ئون مەيدان چوڭ- كىچىك كۆرگەزمىگە قاتناشتى. دىڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: «سۈرەت كۆرگەزمىسى، ھۈنەر- سەنئەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەيدانغا كەلگەن تاماشىبىنلارغا جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردۇق.»
▲ بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ يۇپۇ ئاتا - بالىنىڭ بۇغداي غولى رەسىملىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىلىدىغان بولدى، ئالاھىدە زاكاز قىلىش ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى