قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018-يىللىق جۇڭگو ماھارەت مۇسابىقىسى-- 45-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك تاللاش مۇسابىقىسى 6-اينىڭ 12-كۈنى شاڭخەيدە باشلاندى

2018-06-13 19:59:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
2018-يىللىق جۇڭگو ماھارەت مۇسابىقىسى-- 45-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك تاللاش مۇسابىقىسى 6-اينىڭ 12-كۈنى شاڭخەيدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئاپتوموبىل تېخنىكىسى، ياغاچچىلىق، ماشىنا ئېلېكتر تېخنىكىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، تور سىستېمىسىنى باشقۇرۇش، مودا كىيىم تېخنىكىسى، ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي پەرۋىش قاتارلىق 34 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنىپ، دۇنيا تېخنىكا ماھارىتى مۇسابىقىسىدىكى ترانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى، ياساش ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، قۇرۇلما ۋە بىناكارلىق تېخنىكىسى، ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، ئىجادىيەت سەنئىتى ۋە مودا ئېقىمى، جەمىيەت ۋە شەخسلەر مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھەنى قاپلىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىن 46 ۋەكىللەر كوماندىسى، 900 گە يېقىن ماھىر شاڭخەي مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. 45-نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسى 2019-يىلى روسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك تاللاش مۇسابىقىسى جۇڭگونىڭ دۇنيا مۇسابىقىسى ئىدىيەسى ۋە قائىدىسىگە ئاساسەن ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرى ئەڭ تولۇق، ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، ماھىرلار ئەڭ كۆپ، قاتنىشىش دەرىجىسى ئەڭ كەڭ بولغان ماھارەت مۇسابىقىسى ھىسابلىنىدىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى