قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

2018-06-13 20:00:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

16-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت، ئىمپورت ئېكىسپورت سودىسى ئۇدا تۆت يىل دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، 2017-يىلى 4 تېرىليون 700مىليارد يۈەنگە يەتكەن. جۇڭگو 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن مۇلازىمەت سودا ئالاقىسى، 9 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزىمى ئورناتقان. يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبى، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ مۇھىم ساھەسى، 2017-يىلى جۇڭگونىڭ يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش سوممىسى 36 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %10.2 ئاشقان. جۇڭگو خەلقئارا يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كۆرگەزمىسى جۇڭگودىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك يۇمشاق دېتال سودا كۆرگەزمىسى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە مەزگىلىدە بىر مەيدان يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار مۇنبىرى، 15 مەيدان باش تېما مۇنبىرى، 20 مەيداندىن ئارتۇق كەسپى تېخنىكا مۇنبىرى ھەمدە 10 مەيداندىن ئارتۇق جۇڭگو چەتئەل كارخانىلىرىنى تۇتاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ۋە IT مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، سۈنىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، رايون بۆلىكى زەنجىرى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، IT ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى