قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شياكۇ قەدىمىي شەھىرى ۋە تۆت جايدىكى تۇرانىڭ دەرەىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قىلىپ بېكىتىلدى

2018-06-13 19:52:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شياكۇ قەدىمىي شەھىرى ئىلگىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مۇھىم قاتناش لىنىيەسىنى قوغداپ، يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقىغا شاھىد بولغان. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى بەيشۈي بازىرى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ يېنىدىكى شياكۇ قەدىمىي شەھىرى. تاڭ سۇلالىسى دەۋردىكى مۇھىم لەشكىرىي قۇرۇل.
مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار شياكۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى» ئاساسىي تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى ھەمدە شياكۇ قەدىمىي شەھىرى، سەيۋوپۇ كۆلى تۇراسى، شىنجاڭ خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى تۇراسى، يۇڭفىڭ بازىرى تۇراسى، ئۇلانباي كەنتىدىكى تۇرا قاتارلىق جايلارنىڭ دەرىجىسىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىغا ئۆستۈردى ۋە ۋىۋىسكا ئاستى.
شۇ كۈنى، مۇخبىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە قوغداش خادىملىرىغا ئەگىشىپ، شياكۇ قەدىمىي شەھىرىنى زىيارەت قىلدى. قەدىمىي شەھەر جەنۇبىي ۋە شىمالىي شەھەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي شەھەر «L» شەكلىدە، شىمالىي شەھەر چاسا شەكىلدە. ئىككى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېپىل بار. تارىخي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 70 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 360 مېتىر ئىكەن.
تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، يىپەك يولىنىڭ ئۈزۈكسىز گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن كەلگەن سودا كارۋىنىنىڭ ھەممىسى يارغول، بۈگۈر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بېرىپ سودا قىلغان. يارغولدىن بۈگۈرگىچە بولغان ئارلىق بىر مەھەل مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللەنگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بەش جايىدا، يېڭىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى 19 غا يەتكەن. قالغان 14 ئورۇن: جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى كادىرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ ئورنى، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ ئىشخانىسى ۋە ياتىقى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ئۇلانباي سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، بەشيۇلتۇز يولىدىكى سىخېيۈەن، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، جەنۇبىي گۈللۈكتىكى كىچىك ياڭفاڭ، چوڭ بانكا، 1- ئاۋغۇست تىياتىرخانىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى، چاۋياڭ راۋىقى، گۇڭنىڭ شەھىرى سېپىلى خارابىسى، داۋانچىڭ ياغاچ كۆۋرۈكى، قىزىلتاغ مۇنارى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە تۆت ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى