قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئاي ئاخىرىدا قاتنايدۇ

2018-06-13 19:52:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ناملىق شىنجاڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە قاتنايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ يىل «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 10 نى قاتنايدىكەن.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، خاربىن- ئالتاي ئارىلىقىدا قاتنايدىغان «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىگە بىۋاستە قاتنايدىغان بىردىنبىر ساياھەت مەخسۇس پويىزى بولۇپ، خاربىن تۆمۈريولى دۆلەت ساياھەت گۇرۇھى بۇلتۇرقى «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئاساسىدا، پويىزنىڭ يول يۈرۈشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇشۇ ئايدىن 9- ئايغىچە «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ساياھەت پويىزىدىن 10 نى يولغا قويۇپ، خاربىن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، پۈتۈن مۇساپىگە 15 كۈن سەرپ قىلىشنى پىلانلىغان. يول بويى 10 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دىكى 33 شەھەرنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە مەنزىرىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنى ئېلىمىزنىڭ ھەر جايلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھرىلەندۈرىدىكەن.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كەڭلىك گىرادۇسى ئوخشىشىدۇ، تەبىئىي كىلىمات پەرقى چوڭ ئەمەس، ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى، تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ پەرقى زور. «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ساياھەت پويىزى ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقە قىلىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپىسى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر تۆت قېتىم قاتنىغان «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى 3 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى بىۋاستە توشۇپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىكىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قاتناش پىلانلانغان 10 مەخسۇس پويىزدا 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى شىنجاڭغا كىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىم يەنە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەكشۈرۈش مەخسۇس پويىزى قاتناشقا تەشكىللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە «خېيلۇڭجياڭ- ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق لىنىيە بويىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ- ئادىتىنى تونۇتىدىكەن. بۇ ئالتاي ساياھەتچىلىكىنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى