قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

   جيۇجەيگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئاپەتتىن كېيىنكى قۇرۇلۇش باشلاندى. موشۇ ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ ساياھەت ۋاقتى ۋە لىنىيەسى تەڭشەلدى

2018-06-13 19:52:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرنىڭ يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا ئوبلاستى ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، موشۇ ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ، ساياھەت كوپىراتىپى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ جيۇجەيگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسى تەڭشەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە جيۇجەيگۇ سەيلىگاھىنى ئاپەتتىن كېيىنكى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشى ئارقا- ئارقىدىن باشلانغان بولۇپ، ساياھەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ساياھەت ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت ۋاقتى، لىنىيەسىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەنزىرە رايونىنىڭ ۋاقتى مۇنداق تەڭشەلدى: ساياھەت ۋاقتى ئەسلىدىكى سائەت 8 دىن 11 گىچە ساياھەت قىلىشتىن، سائەت 7 دىن 10 غىچە ساياھەت قىلىشقا تەڭشىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ۋاقتى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئاشۇرۇلغان؛ ساياھەت لىنىيەسى جەھەتتە، ئەسلىدىكى جىلغا ئېغىزىدىن نورىلاڭ ئارقىلىق چاڭخەيگە بارىدىغان ساياھەت لىنىيەسى تەڭشىلىپ، جىلغا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ نوران ئارقىلىق ۋۇخۇاخەيگە بارىدىغان بولغان. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئېچىۋېتىلگەن رايون: جىلغىنىڭ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، نورىلاڭ ئارقىلىق ۋۇخۇاخەي، زارۇنىڭ زارۇسى ئىبادەتخانىسىغا بارغىلى بولىدىكەن. زارۇسى ئىبادەتخانىسى، شۇاڭلوڭخەي شارقىراتمىسى، شۇجېڭچۈنخەي، نورىلاڭ شارقىراتمىسى، جىڭخەي، جېنجۇتەن ۋە جېنجۇتەن شارقىراتمىسى، ۋۇخۇاخەي قاتارلىق مەنزىرە رايونلار پرىنسىپ جەھەتتىن پىيادە ساياھەت قىلىدىغان رايونلار ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، جيۇجەيگۇ سەيلىگاھى تارقاق ساياھەتچىلەرنى ۋاقتىنچە قوبۇل قىلمايدىكەن. پەقەت، ساياھەت كوپىراتىپى تەشكىللىگەن ئۆمەكنى كۈتۈۋالىدىكەن. ساياھەتچىلەر چوقۇم كۈتۈلمىگەن ھادىسە سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىشى كېرەك ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى