قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا يەرلىرىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

2018-06-16 18:08:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆددىگە ئېلىنغان يەرلەردىكى «ئۈچ ھوقۇق» نى ئايرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەمدە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش، ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار يېزا يەرلىرىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى ئۆتۈنمە ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
 باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى دۇنداخان كەنتىدىكى دېھقان ليۇ يوڭچاۋ تېرىقچىلىق ماھىرى بولۇپ، نەچچە يىل ئىلگىرىلا، ئۇ كەنتتىكى بىكار يەرلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى ئويلاشقان ئىدى. بۇ يىل باغراش ناھىيەسى بىر مىليون 400 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، يېرىنى تۈجۈپىلەپ تېرىشكە قاتناشتۇرغان دېھقانلار، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىغا تولۇقلىما بېرىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەردى. ليۇ يۇڭچاۋ سىياسەتنىڭ ياردىمىدە، ئەتراپتىكى دېھقانلار بىلەن يەرنى ئوبوروت قىلىش توختامى ئىمزالاپ، 400 مودىن كۆپرەك يەرنى ئوبوروت قىلىپ، بىر تۇتاش پىگمېنتلىق مۇچ تېرىدى. دېھقانچىلىق مەيدانىنى بىر تۇتاش تېرىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، بۇ يىل تېرىلغان پىگمېنتلىق مۇچنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولدى. ليۇ يوڭچاۋ مۇنداق دېدى:- پەرۋىش قىلىشتا دورا چاچساق، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئارقىلىق چاچساق بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىش ئاسانلىشىدۇ، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بۇ يىل بازار ئەھۋالى 10 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ، مۇشۇ بويىچە ھىسابلىساق، 400 مو يەردىن 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز.
كونا شەھەر ناھىيەسى لەنگەر بازىرىنىڭ يۇۋزى گوشياڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئائىلە دەپ قارالغان تۇراجان مەمەت يەر ئوبوروتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ھازىر ئۇ يېرىنى پاي قىلىپ قوشۇش بىلەن بىللە، يەنە تېخنىكىسىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، ھەر يىلى كوپىراتىپتىن 50 مىڭ يۈەن پايدا ئالالايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:- مېنىڭ ئۈچ مو يېرىم بار. مەن ئىلگىرى قوناق، بۇغداي تېرىغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر مو يەردىن 700، 800 يۈەن كىرىم قىلاتتىم. ھازىر شاپتۇل دەرىخى ئۆستۈردۈم، بۇ يىل مول ھوسۇل ئالىمەن. بىر مو يەردىكى شاپتۇللۇقتىن 10 مىڭ يۈەندىن 15 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمەن. مېنىڭ يەنە بىر قانچە شاگىرىتىم بار. ئۇلارنى ئۆزەم يېتىشتۈرگەن، بىز بىرگە ئىشلەيمىز.
 كۆنەس ناھىيەسى چەكلىك يەر بايلىقىنى كوپىراتىپقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ھوسۇل ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى يەردىن ئازاد قىلىپ، 2-، 3- كەسىپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا يۆتكەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. كۈنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسى قاراغاشتې كەنتىدىكى دېھقان ۋاڭ شۆجۇڭ بۇ يىل 67 ياشقا كىردى، ئۇنىڭ بالىسى سىرتتا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ يىل ئۇ 29 مو يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، بىر كىچىك دۇكان ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- ئەمگەك كۈچى ئازاد بولدى، بىزگە ئوخشاش ياشانغانلار قولىمىزغا پۇلنى ئېلىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، نەۋرىمىزنى باقساق نىمىدىگەن ياخشى، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش.
 نۆۋەتتە، ماناس ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدا ئوبوروت قىلىنغان يەر كۆلىمى 300 مىڭ مودىن ئېشىپ، ئوبوروت قىلىنىش نىسبىتى %44 كە يەتتى. يەر ئوبوروتىغا چېتىلىدىغان دېھقان 6 مىڭ 827 گە يەتتى. لوتۇيى بازىرى، باۋجيادەن بازىرى، لەنجۇۋەن بازىرى قاتارلىق جايلاردا 10 مىڭ مو تۇتاش كۆلەمدە تىجارەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇ جاي يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، دېھقانلارنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتا. ماناس ناھىيەلىك يېزا ئىقتىسادىي خىزمىتى ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چىن جىنلوڭ مۇنداق دېدى:- ناھىيىمىزدىكى يېزا ئىقتىسادىي تارماقلىرى ھەرقايسى يېزا- بازارلاردىكى ئۆلچەش- سىزىش شىركەتلىرىگە ماسلىشىپ، يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. دېھقانلار ئۈچۈن ئەمەلىي ھوقۇقنى بېكىتىپ، ئۇلارغا پولاتتەك ئىسپات تارقىتىپ بېرىپ، ناھىيەمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كۆلىمىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالماقتا.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى