قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىن مۇھەببىتى بىلەن ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن دوختۇر يۈ چىڭ

2018-06-16 18:16:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يۈ چېڭ جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجۇ شەھىرىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر. ئۇ ئۆمەك باشلاپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ مېڭە تاشقى كېسەللىكلىرى جەھەتتىكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى ھەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتەلمەيدىغان داۋالاش ئەترىتىدىن بىرنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى قادىرنىڭ ئايالى يۈ چېڭغا لەۋھە سوۋغا قىلىپ: «دوختۇر سىزگە رەھمەت، سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولمىغان بولسا، بىر ئائىلە كىشىلىرى قانداق قىلاتتۇق» دەپ، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. يۈ چېڭ قادىرغا «باش سۆڭىكىدىكى قانلىق ئىششىقنى تازىلاش ئوپېراتسىيەسى، باش سۆڭىكىدىكى بېسىمنى كۆزىتىپ سېزىش قۇرۇلمىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قوشۇلغان سۆڭەك كىلاپانىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى» قىلغان بولۇپ، بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ھىسابلىنىدۇ.
2017- يىلى 2- ئاينىڭ 21 -كۈنى، يۈ چېڭ 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلدى. ئۇ ئاساسلىقى سۆڭەك كېسەللىكلىرى، مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدى. ئۇ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر جىددىي كېسەلنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ باش قىسمى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلەتتى. لېكىن، دوختۇرخانىنىڭ شارائىتى ئۇنى غەمگە سالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تېخى تەييار بولمىغان ئىدى. بۇ كېسەل ئۇزۇن يوللۇق يۆتكەشكە ماس كەلمەيدۇ. يۆتكەپ قىلىنسا يول ئۈستىدە نەپەس توختاپ قىلىش مۇمكىن، ئىنتايىن خەتەرلىك.
ۋاقىت ھايات دېمەكتۇر. يۈ چېڭ شۇ ھامان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئوپېراتسىيە سۇلياۋ پەردىسىنى ئۆزگەرتىپ تىك شەكىللىك يېلىمسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاددىي ئوپېراتسىيە باش جازىسى ياساپ چىقتى. ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، يۈ چېڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كېسەلنىڭ باش سۆڭىكىدىكى يېرىپ قانلىق ئىششىقنى تازىلاپ، كېسەلنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
  يۈ چېڭ شىنجاڭدا تۇرغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 9 دوختۇرنى يېتەكلەپ، «چۈجۇ- ئۈرۈمچى بىر ئائىلە كىشىلىرى داۋالاش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» نى تەشكىللىدى. دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ھەرىكىتى قولايسىز ئاممىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ «بىرى ئىككىنى يېتەكلەش»، «قولمۇ- قول تۇتۇش» تەك دەل جايىدا شاگىرت يېتەكلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. يەنە جېجياڭ داشۆسى قارمىقىدىكى 2- دوختۇرخانا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇنجى مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت پونكىتى قۇردى. ھازىرغىچە يۈ چېڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى شۇ جايدا 22 تۈرلۈك داۋالاش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى تۈرىنى يولغا قويدى، 350 نەچچە ئوپېراتسىيە قىلدى، 150 نەچچە قېتىم ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. 2 مىڭ 600 ئادەم- قېتىمدىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلىدى. يۈ چېڭ مۇنداق دېدى:- بىر يېرىم يىل ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش ئارقىلىق، 18 شاگىرتتىن تەشكىللەنگەن داۋالاش ئەترىتىنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە قالدۇردۇق. ئۇلار ئۇچتۇرپاندىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زېمىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور، تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى