قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇغقىنىمنى ئىشلەشكە ئەۋەتتىم

2018-06-16 18:23:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ كادىرى ۋاڭ يۈجۆ تۇغقىنىغا يېڭى ئىش ئورنى تېپىپ بەردى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى نور بېشى بىنام كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تاجىگۈل ھەسەن بەك خوشال ئىدى. ئۇنىڭ تۇغقانلاشقان سىڭلىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ كادىرى ۋاڭ يۈجۆ بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇردى. ئۇ تاجىگۈل ھەسەننىڭ ئۆيىدە تۇرغان مەزگىلدە، ئاچىسىغا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. تاجىگۈل ھەسەن مۇنداق دېدى:- سىڭلىم ھەر قېتىم ئۆيگە كەلگەندە باللىرىمغا ئوقۇش ماتېرىياللىرى، بوخچا، كىيىم- كېچەك قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىر ھەپتىدىن بۇيان، بىز بىللە تۇرۇپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلدۇق. بۇ قېتىم ئۇ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ماڭا ئىشلەيدىغان ئورۇن تېپىپ بەردى، ۋاڭ يۈجۆ سىڭلىمغا كۆپ رەھمەت.
قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن بۇيان، ۋاڭ يۈجۆ بىلەن تاجىگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھىسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. ۋاڭ يۈجۆ ئاچىسىنىڭ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقنى بىلگەچكە ھەر ۋاقىت ئۇنى ئويلاپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاچامنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
ۋاڭ يۈجۆ بۇ قېتىم ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، كەنتنىڭ بۇ قېتىم ئاھالىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەنلىكىنى بىلىپ، كەنتتىكى «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، تاجىگۈل ھەسەننىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئاچىسىغا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. تاجىگۈل ھەسەن مۇنداق دېدى:- مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېيتقىنىدەك يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلايمەن ھەمدە تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باياشات كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
ۋاڭ يۈجۆ مۇنداق دېدى:- بۇنىڭدىن كېيىن ھەر جەھەتتىن تىرىشىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ياكى باشقا ھەرقانداق قىيىنچىلىقلىرىغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمەن. بىز كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ خۇددىي ئانارنىڭ دانىسىدەك تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ تېخىمۇ ئىناق ئۆتىمىز.
  تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى